پويىزغا ئولتۇرۇش، ئايروپىلاندا ئۇچۇش... شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىشنىڭ بۇ ئۇسۇللىرىدىن قايسىسىنى تاللايسىز؟

日期:2022年06月16日
来源:天山网
【字体:

مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغان، مەنزىرىسى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل.6-ئايدىكى شىنجاڭ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل قىياپىتى بىلەن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، ھالبۇكى ساياھەتچىلەرنىڭشىنجاڭغاكېلىش ئۇسۇللىرىمۇبارغانسېرى خىللاشتى.

سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ نارات دۆلەت ساياھەت ئىستىراھەت رايونى

نارات مەنزىرە رايونى «جياڭسۇلۇقلارنىڭ ئىلىساياھىتى» 2022-يىللىقياز پەسىللىك تۇنجى ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى

6-ئاينىڭ 6-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونى جياڭسۇنىڭ ئۆلكە ئاتلىغان30 كىشىلىكساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، يەنە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە جياڭسۇنىڭ ئۆلكە ئاتلىغان تۆت ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى ۋە كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. «ھەربىر ئۆمەكتە تەخمىنەن 30 ساياھەتچى بار، ھۆددە ئايروپىلانى ئارقىلىق ئىلىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ساياھەت ئۆمىكىمۇ تەشكىللىنىۋاتىدۇ، 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تەشكىللىنىپ بولۇشىدا ئۈمىد بار» دېدى كۈنەس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ياڭجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جۈ يۇڭ.

سۈرەت مەنبەسى: ئىلى نۆل ئارىلىق (伊犁零距离)

2022-يىلدىكى شەندۇڭنىڭ تۇنجىساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى

6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 15تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شەندۇڭدىن كەلگەن 60 ساياھەتچى ئولتۇرغان ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانىنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاساسلىق ساياھەتچىلەر مەنبەسى بازىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ساياھەت بازارلىرىغا قارىتىلغان تەشۋىقات ۋە ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇشسالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە مۇكاپاتلاش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت كارخانىلىرىنى ھۆددە ئايروپىلانى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى تەشكىللەپقەشقەرگە كېلىشكەرىغبەتلەندۈرىمىز ۋە قوللايمىز.

سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو قەشقەر تورى(چاڭ لېيفوتوسى)

قومۇلنىڭ ساياھەتتىكى ئېتىبارلىق پائالىيەتلىرىخېنەننىڭ مېترو 1-لىنىيەسىگە «كۆچۈپ» كىردى

6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن بۇيان، قومۇلنىڭ تەبىئىي مۇھىتى،ئۆرپ-ئادەتلىرى «لىق قاچىلانغان»جېڭجوۋ مېترو1-لىنىيەسىھەر كۈنى رېلىستا ئۇچقاندەك مېڭىپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرگە قومۇل ساياھىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. قومۇل شەھىرى «خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېتروسى قومۇل ناملىق›نىڭساياھەتكە ئالاقىدارمۇكاپاتلاش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، «3 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، مېترودا ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان ۋە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ئىستېمالچىلارغا ئوخشاش بولمىغان سوممىدىكى مېترو قىممەت ساقلاش كارتىسىنى مۇكاپات ئورنىدا بېرىمىز» دېدى قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چاڭ سەيشيا، «شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە مۇكاپاتلاش چارىسىنى پائال تەڭشەپ، مۇكاپات-ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.»

جېجياڭنىڭ «100ئۆمەك 10 مىڭ ئادەمنىڭئاقسۇ ساياھىتى» باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، «مەن جېجياڭ ۋە شىنجاڭنى سۆيىمەن» تېمىسىدىكى «شېئىرىي تۈسكە تولغانجېجياڭ ۋە شىنجاڭ» 100 ئۆمەك 10 مىڭ ئادەمنىڭ شىنجاڭساياھىتى پائالىيىتىئاقسۇدا باشلىنىدىغان بولۇپ، خاڭجوۋ-ئاقسۇ بېرىش-كېلىشھۆددە ئايروپىلانى يەتتە كۈنلۈك ساياھىتىباشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ماتېرىيال سۈرەت

تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى

6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، تۇرپان ئايرودۇرۇمىدا گۇاڭجوۋ-شىئەن-تۇرپان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى تۆت نۆۋەت قاتنايدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە، گۇاڭجوۋ، شىئەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىققان تۇنجى 115 كىشىلىك ساياھەت ئۆمىكى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 13:44تە تۇرپانغا يېتىپ كەلدى، چاڭشا-تۇرپان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى 50 نەچچە كىشىلىك «خۇنەنلىكلەرنىڭ تۇرپانساياھىتى» ساياھەت ئۆمىكى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17:55تە تۇرپانغا يېتىپ كەلدى. ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، تۇرپان ۋۇخەن، چېڭدۇ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 3000 كىشىلىك چاتما ئۆمەكنى ئارقا-ئارقىدىن كۈتۈۋالىدىكەن.

يېقىندا، شىنجاڭدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پايدىلىق ئىشلارنىڭگىرەلىشىشىنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇشئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەرقايسى جايلارئالاقىدار ساياھەت ئېتىبارسىياسەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى.«شىنجاڭ ياخشى جاي»دا ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېتىبارلىرى ۋە پائالىيەتلىرى تارقىتىلىدۇ. مەيلى سىز ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ۋە ياكى پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشنى ئويلىشىڭ، گۈزەل مەنزىرە ۋە ئېتىبارلارنىڭھەممىسى مۇشۇ يەردە سىزنى ساقلاپ تۇرماقتا!