ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئورقۇدىن قاناسقا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

日期:2022年06月14日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، قاراماي شەھىرىئورقۇ رايونىدىن قاناس ئايرودۇرۇمىغىچە بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئۇچۇش ئوڭۇشلۇق بولدى.

ئورقۇ-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغىنى پىلاتۇسى PC-12NG تىپلىق ئايروپىلان بولۇپ، شىۋېتسارىيە پىلاتۇسى شىركىتى ياسىغان يەككە پىرقىرىغۇچلۇق توققۇز كىشىلىك (يەتتە يولۇچى سىغىدۇ) يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئايروپىلانى. ھازىر ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى بېرىپ-كېلىپ ئۇچىدۇ، سائەت 16:00دە ئورقۇدىن يولغا چىقىپ، سائەت 17:30دا قاناسقا قونىدۇ؛ سائەت 18:00دە قاناستىن يولغا چىقىپ، سائەت 19:30دا ئورقۇغا قونىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى 580 يۈەن.

ئورقۇدىن قاناسقا قاتنايدىغان تۇنجى قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان. (سۈرەتنى ئورقۇ بەيكوۋچۈەن ئايرودۇرۇمى تەمىنلىگەن)

ئورقۇ رايونى بىلەن قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ئارىلىقى 400 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىلدا بەش-ئالتە سائەتتە بارغىلى بولىدۇ، ئايروپىلاندائەڭ تېز بولغاندا بىر سائەت ئون مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. «ئىككى جاي ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ساياھەتچىلەرنىڭ قاتناش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇش ئېگىزلىكى 6000-5000 مېتىر ئەتراپىدا بولغاچقا، يولۇچىلار ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ قارلىق تاغ، كۆل، يايلاق، قۇملۇق قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلالايدۇ»دېدى ئورقۇ رايونى ئايرودۇرۇم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جېڭ.

ئورقۇدىن قاناسقا قاتنايدىغان تۇنجى قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار. (سۈرەتنىئورقۇ بەيكوۋچۈەن ئايرودۇرۇمى تەمىنلىگەن)

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى A1 دەرىجىلىك ھەممىباب ئايرودۇرۇم ئورقۇ بەيكوۋچۈەن ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئورقۇ رايونىدىن ئەتراپتىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بولغانبىۋاسىتە قاتناشنى ياخشى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئورقۇ-نارات ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىمۇ مۇشۇ ئايدا تورغا چىقىرىلىپ بېلەت سېتىشنى باشلايدۇ.

جاڭ جېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىن باشقا، ئورقۇ بەيكوۋچۈەن ئايرودۇرۇمى يەنە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ساياھەتچىلەر ئورقۇ تەۋەلىكىدىكى دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى، بەيياڭخې چوڭ جىلغىسى، ئايرىك كۆلى، غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بوشلۇقتىن تاماشا قىلالايدۇ.