مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا بۈگۈن قاتناش باشلىنىدۇ، بۇ تاشيولغا ئائىت ئۇچۇرلار بۇ يەردە!

日期:2022年06月10日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاشيولنىڭ بىرى بولغان مايتاغ-كۇچا تاشيولىئۆزى ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭبىرى، ھەر يىلى ياز پەسلىدە، بۇ تاشيول لىنىيەسى ئاۋات، قىزىق نۇقتىلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. تاشيولنىڭ ئىككى يېقىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەر بىر ساياھەتچىنى ئۆز گۈزەللىكىدىن مەستخۇش قىلماي قالمايدۇ.

راستىنلا بۈگۈن قاتناش باشلىنامدۇ؟ خەۋەر مەنبەسى ئىشەنچلىكمۇ؟

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىربارشا . تېگىسخەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: G217-لىنىيەسىنىڭ مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن. شۇ كۈنى، نىلقا ناھىيەسى چورما تەكشۈرۈش پونكىتىدا «قەھرىمان مايتاغ - كۇچا تاشيولى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى سەيلە قىلىش» مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا 2022 - يىللىق قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.ئىشەنچلىك خەۋەر بۇ يەردە!>>>

قاتناش باشلاشتىن ئاۋۋالقانداق تەييارلىق خىزمەتلەرئىشلەندى؟

بۇ يىل مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن،بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىئىلى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى نارات شۆبە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپمايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار تازىلاش، شېغىل تازىلاش ۋە يول يوشۇرۇن خەۋپىنىرەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشخىزمىتىنى قانات يايدۇردى.ھازىرغىچە،G217 لىنىيەسىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تەۋەلىكىدە يوللاردىكى قارلارنى تازىلاش، يوشۇرۇن خەۋپنىرەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشخىزمىتى تاماملاندى،قاتناش ساقچىلىرى، تاشيول تارماقلىرى يولدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرگە قارىتا تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ باردى. قانداق كونكېرت ئىشلار بولدى؟>>>

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قانداق ئاپتوموبىللار ماڭسا بولىدۇ؟ سۈرئەتكە چەك قويۇلامدۇ؟ ياتاق-تاماق قانداق؟

پەقەت يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنتىپتىكىئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە يول قويۇلىدۇ.ھەق ئېلىش پونكىتى بار بولۇپ، 20 يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئېلىنىدۇ،سۈرئەتكە چەك قويۇلىدۇ، پۈتۈن مۇساپىدە ھەرىكەتچان سۈرئەت ئۆلچەش سائەتلىك سۈرئىتى40 كىلومېتىردىن 60 كىلومېتىرغىچە بولىدۇ. ياتاق-تاماق جەھەتتە بۇ تەپسىلىي خەۋەرنى ئوقۇسىڭىز نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئېرىشىسىز>>>

كۇچادىكى «ئون» بىلەن تونۇشۇپ باقامسىز؟

كۇچا، قەدىمدە «كۈسەن» دەپ ئاتالغان. قەدىمكى دەۋرلەردە، كۇچا جەنۇبتىن كېلىپ شىمالغا بېرىشتىكى، شەرقتىن كىرىپ غەربكە چىقىشتىكى تۆت كوچا ئېغىزى ئىدى.«ئون»خېتى كۇچانىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئىزى.

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، شەھەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ «ئون» خېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات كۇچا شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىسپاتلىدى. دىققىتىڭىز «ئون»دا بولسۇن>>>

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى كۇچاغا كەلگىنىڭىزىدە كۇچا كوناشەھىرىنى كۆرۈپ كېتىڭ

كۇچا كونا شەھىرىگە يېڭى كەلگەندە، سىزنى بۇ يەردىكى رەڭگارەڭ ئىشىك-دېرىزىلەر ئەڭ بۇرۇن جەلپ قىلسىمۇ، ئەمما سىزنىھەقىقىي ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغىنى يەنىلا بۇ يەرنىڭ قەدىمىيلىكى، ئازادىلىككە، ئىللىقلىققا تولغان تۇرمۇش شەكلىدۇر.كۇچا كونا شەھىرىنىڭ بەلگىسى بولغان «ئىتتىپاق كۆۋرۈكى»، ئاۋات رەستەكوچىسى،داڭلىق كۇچا ۋاڭ ئوردىسى،كۈسەن مۇزېيى،كۇچا چوڭ نان شەھىرى،ئۇچا كەچلىك بازىرى سىزنىڭ بىر كۈنىڭىزنى ئاجايىپ مەنالارغا تولدۇرىدۇ.ئۇنداقتا، ئالدىن بىر كۆرۈپ باقامسىز؟>>>

6-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ باغچىسىدا سەيلە قىلىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن خۇشال-خۇرام بەھرىلەنمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى