«ئون»

日期:2022年06月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى كۇچا، قەدىمدە «كۈسەن» دەپ ئاتالغان. قەدىمكى دەۋرلەردە، كۇچا جەنۇبتىن كېلىپ شىمالغا بېرىشتىكى، شەرقتىن كىرىپ غەربكە چىقىشتىكى تۆت كوچا ئېغىزى ئىدى.«ئون»خېتى كۇچانىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئىزى.

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت يولى 314- لىنىيەسى,217- لىنىيەسى بۇ يەردە كېسىشىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى شەھەر رايونىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىئارقىلىق بېيجىڭ، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق ئالتە شەھەرگە بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ، كۇچا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول گىرەلىشىپ كەتكەن يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتىدىكى يىغىش ـ تارقىتىش ئورنى.

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، شەھەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ «ئون» خېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات كۇچا شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىسپاتلىدى.

10 مىڭ مو يەردىكى كۇچا ئاق ئۆرۈكى

ھازىر كۇچا شەھىرى 100 مىڭ مو يەرگە ئاق ئۆرۈك ئۆستۈردى. 2014- يىلى كۇچا ئاق ئۆرۈكى «دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئىتراپنامە بەلگىسى»گە ئېرىشتى، يېڭى ئۆرۈك ۋە گۈلە قاتارلىق مەھسۇلاتلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

ئون ياخشى مەنزىرە نۇقتىسى

كۇچا خان سارىيى، قۇمتۇرا مىڭئۆيى، قىزىلقاغا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى باغچىسى مەنزىرە رايونى، سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانا خارابىسى، چوڭ - كىچىك ئەجدىھا كۆلى، تىيانشان سىرلىق جىلغىسى، لىن جىلۇ ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى، كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسى مەنزىرە رايونى، نىڭبو - كۇچا مەدەنىيەت باغچىسى، «ئىككى كۆل» سۇ ئۈستى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى مەنزىرە رايونى.

كۇچا شەھىرى شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ ساياھەت ناھىيەسى( شەھىرى )نىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «جۇڭگودىكى جەلپكار ناھىيە»، «دۆلەت داڭلىقتارىخىيمەدەنىيەت شەھىرى»، «مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىدىكى ئىلغار ناھىيە»، «شىنجاڭ بويىچە ئون ياخشى مەشھۇر مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

ئون مەدەنىي ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى

يىنخې يولى، قىزىل بايراق يولى، بوستان يولى، غالىبىيەت يولى، چاڭجياڭ يولى، يېڭىئاۋات يولى، خەلق يولى، لىن جىلۇ يولى، مەدەنىيەت يولى، نىڭبو چوڭ يولى.

كۇچا شەھىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، تۇرمۇش، تۇرالغۇ ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىي ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسىدىن ئوننى بەرپا قىلدى.

ئونچوڭ بازار

يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى، يېمەكلىك پىششىقلاش بازىرى، ئاپتوموبىل سودا بازىرى، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى ئىجارىگە بېرىش بازىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سودا بازىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئۇنىۋېرسال سودا بازىرى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى بازىرى، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش-سودا ئۇنىۋېرسال بازىرى، چارۋا سودا بازىرى.

كۇچا شەھىرى «ئونچوڭ بازار»نى ساھە ۋە شەھەرگە ئايرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ئىقتىسادىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇردى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ رەتلىگەن