دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى «1 - ماي»دىكىدىن %20كە يېقىن كۆپەيدى

日期:2022年06月07日
来源:天山网
【字体:

ساياھەت كىرىمى %30كە يېقىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 239 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %18.51 كۆپەيگەن؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 816 مىليون يۈەن بولۇپ، «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %28.48 ئاشقان. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، شەھەر ئەتراپىنى ساياھەت قىلىش، قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىش ئاساسىي كۈچكە ئايلانغان، شىنجاڭ بويىچە ھەرقايسى جايلار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق دۇەنۋۇ بايرىمى ئۆتكۈزگەن، ساياھەتچىلەر ياپيېشىل تاغ - دەريالار ئارىسىدا ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىگە ۋارىسلىق قىلغان.

مەدەنىيەت ساياھىتى قىزىپ كەتتى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى باش تېمىسى ئالقىشلاندى. شىنجاڭ بويىچە ھەرقايسى جايلار «ساياھەت+مەدەنىيەت» «ساياھەت+تەنتەربىيە» قاتارلىق مەزمۇنى مول پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت بازىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى، كۆپ جايلار ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، خەنفۇ كىيىپ باغ سەيلىسى قىلىش ھەمدە زۇڭزا تۈگۈش، خۇش پۇراق خالتا ياساش قاتارلىق ھېس قىلىش تۈرىدىكى پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى. كېرىيە ناھىيەسى «مەززىلىك زۇڭزا تېتىپ دۇەنۋۇ بايرىمى ھەققىدە پاراڭلىشىش، ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئارقىلىق مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ يېڭىسار ناھىيەسى «دۇەنۋۇ بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش، <زۇڭزا>دىن بەھرىلەنگەن يېڭىسار»نى باش تېما قىلىپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى تەشكىللەپ، خۇشال - خۇرام سۇ چېچىشىپ ئويناش، سۇدا ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق بالىلار قىزىقىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى؛ ئاۋات ناھىيەسى «دولان مەززىلىك زۇڭزىسى»نى باھالاش، «بىنەم يەر ياغاچ تاختاي ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى»، خەلق ئۆرپ - ئادىتى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى؛ باغراش ناھىيەسى 15 - نۆۋەتلىك كۆل ئېچىش پەسلى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى فېيتيەن سەنئەت ئويۇنى، داچىن گۈلخان كەچلىك زىياپىتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مەھسۇلاتلىرى ئالقىشلاندى. قاناس مەنزىرە رايونىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتى نۇرغۇن ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى، پىچان ناھىيەسى، توقسۇن ناھىيەسى يىپەك يولى قەدىمىي يولىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە ھەرقايسى جايلار 52 تۈرلۈك ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئاساسلىقى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كارخانىلار رىغبەتلەندۈرۈش، بازار مۇكاپاتلاش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش، بالىلارغا كۆيۈنۈش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ساياھەت ئىستېمالىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى.