سىزگە «شىنجاڭچە تەم»دىكى زۇڭزا تۇتاي

日期:2022年06月02日
来源:天山网
【字体:

دۇەنۋۇ بايرىمىدا ھەممە يەرگە زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى تارقىلىدۇ

ھەممىگە ئايان

شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى بەكلا يېيىشلىك

شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى تولىمۇ ئالقىشلىق

زۇڭزا بىلەن شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەك - ئىچمەكلىرى ئۇچراشسا

قانداق گۈزەل «ئۇچقۇن»لار پەيدا بولار؟

زۇڭزا【شىنجاڭ چىلىنى】بىلەن ئۇچراشقاندا

زۇڭزا ھەققىدە توختالغاندا

شىماللىقلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغىنى چىلان زۇڭزىغۇ دەيمەن

شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا چىلان ئۆستۈرۈلىدۇ

خوتەن چوڭ چىلىنى، قۇمۇل چوڭ چىلىنى، چاقىلىق چىلىنى قاتارلىق داڭلىق چىلانلار چىقىدۇ

شىنجاڭنىڭ چىلىنى

تاتلىق، يۇمشاق، يېپىشقاق كېلىدۇ

زۇڭزىغا ئورىغاندا

دۈملەپ پىشۇرۇش جەريانىنىڭ ئۆزىدىلا

ئۆيىڭىزنى شېرىن ھىد بىلەن تولدۇرىدۇ

ئىسسىقىدا بىر چىشلەم چىشلەڭ

زۇڭزا ئىچىگە ئورالغان چىلانغا تىلىڭىز تەگكەندە

شېرىن تەم شۇ زامان تېنىڭىزنى يايرىتىپ

راھەتبەخش تۇيغۇلارغا چۆمىسىز

زۇڭزا【شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىسى】بىلەن ئۇچراشقاندا

شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىسى ھەققىدە توختالغاندا

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بادام، ئالقات، ئۆرۈك مېغىزى، قۇرۇق ئۈزۈم

نوقۇت، ياڭاق، ئەنجۈر قېقى

.....

شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىنىڭ دانىسى يوغان ھەم توق

تەملىك، تاتلىق

ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى

زۇڭزىنىڭ ئىچىگە سېلىپ تۈگۈشكە

قايسى خىل قۇرۇق مېۋىنى تاللىساق ياخشى؟

كەسكىنلىك بىلەن، ھەممىسىدىن سېلىپ بېقىڭ

بىر چىشلىگىنىڭىزدە

رەڭگارەڭ قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ سۇسقىنا خۇش ھىدى ئاغزىڭىزدا قالىدۇ

خۇددى

ئوزۇقلۇق ۋە ئېنېرگىيە تېنىڭىزگە ئېقىپ كىرىۋاتقان تۇيغۇنى ھېس قىلغاندەك بولىسىز

زۇڭزا【شىنجاڭ قىزىلگۈلى】بىلەن ئۇچراشقاندا

قىزىلگۈل بىر گۆھەر

چاي دەملەپ ئىچسە دورا بولىدۇ

شىنجاڭ خوتەن قىزىلگۈلى

ئەۋزەل تەبىئىي جۇغراپىيەلىك يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىدا

ياخشى ئۆسىدۇ، ياخشى ئۈنۈمنى ھازىرلايدۇ

خوتەن قىزىلگۈلىدىن

ئادەتتە گۈلقەنت، قىزىلگۈل چېيى قاتارلىقلار ئىشلىنىدۇ

ئىستېمال قىلغاندا چارچاشنى پەسەيتىپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ

زۇڭزىغا قوشۇپ تۈگۈپ دۈملىگەندە، خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئېلىپ

كىشىنى خۇددى قىزىلگۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلىۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ

تەم سېزىمىنى قاندۇرۇشتىن بۇرۇن

ئاۋۋال پۇراش سېزىمى ۋە رومانتىك تەسەۋۋۇرنى قاندۇرىدۇ

زۇڭزا【شىنجاڭ مېۋىلىرى】بىلەن ئۇچراشقاندا

ياز پەسلى مېۋە يەيدىغان ياخشى پەسىل

شىنجاڭ مېۋە يەيدىغان ياخشى جاي

تاۋۇز، ئۈزۈم، قوغۇن،

ئۆرۈك، قارا ئۆرۈك، قارىقات

.....

شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى

زۇڭزىغا قوشۇپ تۈگۈپ يېگىنىڭىزدە

خۇددى ۋاقىتنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ

ساپ، شېرىن تەمنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭىزدا تۇتۇپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىسىز

زۇڭزا【شىنجاڭدىن چىقىدىغان گۆشلەر】بىلەن ئۇچراشقاندا

گۆش زۇڭزىلارنى ياقتۇرۇپ يەيدىغان دوستلار

قانداقمۇ شىنجاڭدىن چىقىدىغان قوي-كالا گۆشىنى قولدىن بېرىپ قويسۇن

شىنجاڭنىڭ قوي-كالا گۆشى

يېڭى، يۇمران بولۇپلا قالماستىن

يەنە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى

زۇڭزىغا قوشۇپ تۈگكىنىڭىزدە

نومى گۈرۈچىنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن بىرلىشىپ

يېسىڭىز يېگۈڭىزنى كەلتۈرىدۇ

زۇڭزا【شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى】بىلەن ئۇچراشقاندا

شىنجاڭ زۇڭزىسى ھەققىدە توختالغاندا

ھەممە يەرگە داڭق چىقارغان

قېتىق زۇڭزىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز

قېتىق زۇڭزا قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي

پىشۇرۇپ سوۋۇتۇلغان زۇڭزا

ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك قېتىقى ماتېرىيال قىلىنىدۇ

زۇڭزىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئىچىدىكى زۇڭزىسىنى چىقىرىپ، ئۇنى بېسىپ ياپىلاقلايمىز

ئاندىن ئۇنى كىچىك تەخسىگە قويۇپ ئۈستىگە قېتىق

ھەسەل قاتارلىقلارنى قۇيۇپ يېسىڭىز بولىدۇ

تۆۋەندىكىسى پولۇ «مەستانىلىرى»گە ئېلىپ كەلگەن خۇش خەۋەر

قوي گۆشى پولۇسى زۇڭزىسى

ئىسمىغا قاراپلا مەنىسىنى بىلدىڭىز ھەقىچان

بۇ قوي گۆشى پولۇسىدىن تۈگۈلگەن زۇڭزا

بۇ، كىشىنى ئىختىيارسىز ھالدا شۇنداق خىيالغا سالىدۇكى،

شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى شۇنچە كۆپ

ئەگەر ھەممىسىنى زۇڭزا قىلىپ تۈگۈپ چىققىلى بولسا

ئۇنداقتا

.....

↓ داپەنجى زۇڭزا

↓ كاۋاپ زۇڭزا

↓ قېزا زۇڭزا

.....

زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى بىلەنتولىدىغان بۇ دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

مەن «شىنجاڭچە تەم»لەرنى زۇڭزا ئىچىگە تۈگۈپ

سىزگە سۇناي

~