تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

日期:2022年06月01日
来源:天山网
【字体:

«چەكسىز يىراق جايلارغا بېرىپ، سانسىزلىغان كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىمىز،

تاغ، دەريا، كۆللەر بىلەن كۆرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىمىز بىلەن كۆرۈشىمىز.»

    كىشىلەر ھەمىشە مۇنداق دېيىشىدۇ  

     شىمالىي شىنجاڭغا بارساق مەنزىرە كۆرىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارساق ئۆرپ-ئادەت

   بەلكىم جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغاندىلابايقىشىڭىز مۇمكىن _

    تىيانشاننىڭ جەنۇبىنىڭ شۇقەدەر گۈزەللىكنى

    كىشنى مەپتۇن قىلىپ دىل رىشتىنى تىترىتىدىغىنىنى

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆللەرنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ بەيشاخۇ كۆلى

  ئەگەر سىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەيشاخۇ كۆلىنى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، ئۇ بەلكىم سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئېگىز بولغان پامىر ئېگىزلىكىدە، ئاق رەڭلىك قۇمتاغلار ئارىسىدىكى كۆپكۆك كۆل تاغ ـ دەريالاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ.

     ◁ قاراكۆل

  ئۇ مۇزتاغ چوققىسىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ،ئەتراپتىكى قارلىق تاغلارنى خۇددى ئەينەككە ئوخشاشبۇ كۆل يۈزىدە ئەكس ئەتتۈرۈپتۇرىدۇ. جەنۇب تەرىپى ئوتلاق بولۇپ، دائىمئاق كىگىز ئۆيلەرتەكشى تارقالغان بولىدۇ، كۆل ۋە ھەيۋەتلىك تاغ باغرىدىكى گۈزەللىكنى خالىغانچە سۈرەتكە تارتسىڭىز ھەممىسى ئەڭ قالتىس مەنزىرە سۈرىتى بولالايدۇ.

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قارلىق تاغلارنى كۆرگۈم كەلدى

  تاشيول بىلەن قارلىق تاغنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان گۈزەللىكنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارسىڭىز ئاندىن بىلىسىز.

 مۇزتاغ چوققىسى، قوڭۇر چوققىسى، قوڭۇر جيۇبېي چوققىسى كوئېنلۇن تېغىدىكى ئۈچ قەھرىمان، دەپ تەرىپلىنىدۇ.قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ ئۈچ تاغخۇددى ئاسماننى تىرەپ تۇرغان قاشتېشى تۈۋرۈكتەك، گۈزەل پامىر ئېگىزلىكىدە قەد كۆتۈرۈپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ بەلگىسى ۋە ۋەكىلىگە ئايلانغان.

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى جىلغىلارنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ ئونسۇ چوڭ جىلغىسى

  بۇ جايغا كەلگىنىڭىزدە خۇددى بىر پارچە نەپىس، ھەيۋەتلىك ئاسمان-زېمىن رەسىم كارىدورىغا كىرىپ قالغاندەك بولىسىز. دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ جىلغىدىن ئۆتكەندىن كېين، قىزىل تاغ تاشلىرى ئارىسىدىكى ئۇپۇققا تۇتاشقان ئەگرى ـ توقاي، چوڭقۇر جىلغىلار تەبىئەتنىڭ سىرلىقلىقىنى ئىختىيارسىز ھالدا گۈزەل تىللار بىلەن تەرىپلەشكە «مەجبۇر قىلىدۇ».

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقلارنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ تەكلىماكان قۇملۇقى

  تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلەي دېگەندە، يول بويىدىكى كاتەكچىسىمان قومۇشلۇق ئۈستىدە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر جۈملە ئېلان لوزۇنكىسىنى كۆرىسىز: پەقەت قاقاس قۇملۇقلا بار، مەنىسىز ھايات يوق. كۆزىڭىزنى يۇمۇپ قۇملۇقتا ياتقىنىڭىزدا، ئاقار يۇلتۇزلارنىڭ سىرغىپ چۈشكەنلىكىنى، ئاينىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگىنىڭىزدە، يۈرەك سوقۇشىڭىزغا جور بولغان شامال ئاۋازى قۇلاق تۈۋىڭىزدە ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

  ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، بۇ قۇملۇقتا بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان گۈزەلمەنزىرىلەر، ھەربىر تۈپ نەچچە مىڭ يىللىق توغراق بىلەن ئۇچرىشىسىز، ئۇلارنىڭ زادى قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن قەلبلەردە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتى مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ.

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىڭئۆيلەرنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ قىزىل مىڭئۆي

  باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆي جۇڭگودائەڭ بۇرۇن قېزىلغان، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەڭ غەربتىكى چوڭ تىپتىكى مىڭئۆيتوپى ھېسابلىنىدۇ.

      تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەدىمىي شەھەرنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى

 ئۇ قارلىق تاغلارئارىسىغا يوشۇرۇنغان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن تۇتىشىدۇ، ئەڭ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تىپتىنچ ئالتۇن سازلىق، قاقاس تاش قورغان، يەنە قونجىراپ پورتى.

 ئالتۇن سازلىق سۇلۇق يەر بولۇپ، پامىردىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە گۈزەل مەنزىرە.

 تاشقورغان ئىلگىرى بىر خان سېپىلىبولۇپ، سېپىل سىرتىدا كۆپ قەۋەتلىك گاھ ئۈزۈلگەن گاھ تۇتاشتۇرۇلغان سېپىل ياسالغان، تاشلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۆزىدە چۈشكۈنلۈك ئىچىگە يوشۇرۇنغان گۈزەللىكى بار بولۇپ، كىشىنى چەكسىز خىياللارغا چۆمدۈرىدۇ.

 قونجىراپ پورتىنىڭ يەنە بىر تەرىپى پاكىستان بولۇپ، بۇ جاي يىل بويى قار ـ مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرسىمۇ مەنزىرىسى تولىمۇ ھەيۋەت ۋە گۈزەل.

     ◁ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

 بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار شۇنچە كۆپ شەھەرگە بارغان بولسىمۇ، قەشقەردىن ئۆزگىچە بولغان بىر خىلمەدەنىيەت ھۇزۇرىنى ھېس قىلغان، بۇ جاي ھەم قەدىمىي، ھەم جانلىق، ھەم شۇ قەدەر گۈزەل، جەلپكارھەم ئۇنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سالاپىتى بار.

  

     جەنۇبىي شىنجاڭ شۇنداق بىر جاي

    بېرىشتىن بۇرۇن سىزدە ئۇ جايغا نىسبەتەن قىزىقىش، تەسەۋۋۇر ئويغىنىدۇ

    بارغاندىن كېيىن

    قەلبىڭىزدە تېخىمۇ كۆپ زوقلىنىش ۋە سېغىنىش بولىدۇ

    سىز ئۇ يەردىكى ھەممە نەرسىنى ياد ئېتىسىز

    چىداپ تۇرالماي، يېنىش-يېنىشلاپ بارىسىز

    سىزنىڭمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇڭىز

  كەڭ زېمىن، تاغ-دەريا، ئادىمىيەت، ئۆرپ-ئادەتلەرنى كۆرۈپ

    ئەڭ ئېگىز ئېگىزلىكتە ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئاياغ ئىزىڭىزنى قالدۇرغۇڭىز كەلدىمۇ

«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن تەرجىمە قىلىندى