گۈللەرنى قوغلىشىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ، شىنجاڭغا نەزەر سېلىش| شىنجاڭ فۇكاڭ: گۈللەر شەھەرنى زىننەتلىدى، كىشىلەر گۈللەر ئارىسىدا سەيلە قىلدى

日期:2022年06月01日
来源:天山网
【字体:

باش يازدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرىدىكى كوچا، مەيدان، باغچىلاردا سەيلە قىلساق، مودەنگۈل، چوغلۇق، ئەتىرگۈل، سېرىق جۇخار گۈلى قاتارلىق گۈل ـ گىياھلار بەس ـ بەستە ئېچىلىپ، شەھەرنى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەنلىكىنى ھەم كىشىلەرگە ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرى شەھەرنى باغچىلاشتۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ كوچا، مەيدان، باغچە، كىچىك ھويلىلاردا شەھەر ئېكولوگىيەسىنى كۆكەرتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، «گۈل ـ گىياھ - مەنزىرە گىرەلىشىپ كەتكەن» يۇقىرى سۈپەتلىك گۈل ـ گىياھ مەنزىرىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، شەھەر سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئاپتورى: جوۋ يۇڭچياڭ

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: فۇكاڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى»دىن تەرجىمە قىلىندى