چوغلۇق گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى

日期:2022年05月30日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۈيتۈن شەھىرى كەيكەنچى يېزىسىدىكى 1000 مولۇق چوغلۇق گۈل دېڭىزىداسۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىشيې لۇڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۈيتۈن شەھىرى «20-قۇرۇلتاينى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالايلى . بىزنىڭ يېڭى دەۋرىمىز» باش تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك چوغلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، كۈيتۈن شەھىرى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت · گۈزەل كۈيتۈن» ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىللە، بۇ شەھەرنىڭ «5.19» جۇڭگو ساياھەت كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغانكەيكەنچى يېزىسى«چوغلۇق گۈل دېڭىزى»غاتايىنىپ، يېزا-كەنتلەردىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى ساياھەت قىلىش، چوغلۇق تاماشاسى قىلىش، يېزا-كەنتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تېتىپ بېقىش، خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنومۇرلىرىنى كۆرۈش، دېھقانلار شاتلىقىدىن بەھرىلىنىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھەت بازىرىنىگۈللەندۈرگەن، ساياھەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، ساياھەت ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى قالتىس نەتىجىلىرىنى نامايان قىلغان.

\

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۈيتۈن شەھىرى كەيكەنچى يېزىسىدىكى 1000 مولۇق چوغلۇق گۈل دېڭىزىداسۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىشيې لۇڭفوتوسى

كۈيتۈن شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك چوغلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا، ساياھەتچىلەر ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىشيې لۇڭفوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۈيتۈن شەھىرى كەيكەنچى يېزىسىدىكى 1000 مولۇق چوغلۇق گۈل دېڭىزىداسۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىشيې لۇڭفوتوسى

ساياھەتچىلەر چوغلۇقلارنى تاماشا قىلماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجوۋ پېڭفوتوسى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى جىگدە بۇلاق كەنتىدىكى چوغلۇقبازىسى كەنتىدە«چوغلۇقلار ئېچىلدى 5-ئاينى مەستخۇش قىلدى» تېمىسىدا بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى بايرىمىنى ئۆتكۈزدى.بۇ قېتىمقى تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى بايرىمىغا 0909 ئوركېستىرى، كېرېن مۇزىكا ئەترىتى، چاۋزىرەن مۇزىكا ئەترىتىدىن ئىبارەتئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇبتىكى ئۈچ مودا تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكا ئەترىتى نەق مەيداندا نومۇر ئورۇنلىدى. ئۈچ مۇزىكا ئەترىتى ئاساسلىقى ياشلارغا خاس مودا مۇزىكىلارنى نەق مەيداندا ئورۇنلاشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، بورتالانىڭ مودا مۇزىكا خاسلىقىغا سىڭدۈرۈپ، ياشلارغا خاس بايرام كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى، كىشىلەرگە پۈتۈنلەي يېڭىچە تۇيۇلىدىغانمۇزىكىلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى.

تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى بايرىمىدىكى شاتلىق ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە ھۇزۇرئېلىپ كېلىپلا قالماي، ئۇلارغا قولاي يول قاتنىشى، مىللىي خاسلىققا ئىگە يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى، مۇكەممەل بولغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ھېس قىلدۇردى، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات، بىر خاسلىق بولۇش»تەك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى ھېس قىلدۇردى، داڭچىقىرىش، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەمدە بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بورتالا شەھىرىچوغلۇقبازىسى قاتارلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سۇپىلىرىغا تايىنىپ،ھەر خىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بورتالاغا دىققەت قىلىشقا، بورتالانى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، «مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى»نى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «مۇستەھكەمتىرىكى»گە ئايلاندۇردى.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى جىگدە بۇلاق كەنتىدىكى چوغلۇقبازىسى كەنتىدە«چوغلۇقلار ئېچىلدى 5-ئاينى مەستخۇش قىلدى» تېمىسىدا بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى بايرىمىنى ئۆتكۈزدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى بايرىمىدا، كەنت ئاھالىسى تورداشلىرىغا مۇزىكا بايرىمى نەق مەيدانىنى بىۋاسىتە كۆرسەتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى بايرىمىدا، يەرلىك مۇزىكا ئەترىتى _ «چاۋزىرەن مۇزىكا ئەترىتى» ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ناخشىنى ئورۇنلىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى بايرىمىدا، يەرلىك مۇزىكا ئەترىتى _«كېرېن مۇزىكا ئەترىتى» ئاتباشلىق غېجەكنى تەڭكەش قىلىپ ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ناخشا «سەھرا ناخشىسى»نى ئورۇنلىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى