ئەتلەس سىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، گۈزەللىك ھەر خىل بولىدۇ

日期:2022年05月27日
来源:天山网
【字体:

ئەتلەس تىلغا ئېلىنسا

يادىڭىزغا نېمىلەر كېلىدۇ؟

ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇل چۈشكەن ئۇيغۇر قىزىمۇ

ياكىھەر خىل گۈزەل رەڭلەرمۇ

ۋە ياكى قويۇق مىللىي خاسلىقمۇ

سۈرەت مەنبەسى: شىياۋ خۇڭشۇ @فوتوگراف يۈنشاڭ ليۈپەي-يۈ

ئەتلەس توقۇش ھۈنەر-سەنئىتى مۇرەككەپ جەريان بولۇپ

تەبىئىي بوياق ۋە ئەلا سۈپەتلىك يىپەك ئىشلىتىلىدۇ

ئۆرۈش يىپىنى بوغۇپ بوياش سەنئىتىدىن باشلىنىپ

قەۋەتلەرگە بۆلۈپ بوياش، رەتلەش، دەستىگاھقا يىپ ئېلىش، توقۇش قاتارلىق ھۈنەر- سەنئەتلەر بىلەن توقۇلىدۇ

قارا-ئاقئەتلەس ۋە رەڭلىك ئەتلەس دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ

بۇنىڭ ئىچىدىكى رەڭلىك ئەتلەستە قارا، قىزىل، سېرىق، كۆك رەڭلەرئاساس قىلىنىدۇ

ئەتلەس نۇسخىلىرىدىكى يول-سىزىقچىلار بۆرتۈپ چىققان بولىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش

ئەتلەس ئەنئەنىۋى ياساش ھۈنەر -سەنئىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن

«21-ئەسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى قول سانائەت» دەپ تەرىپلىنىدۇ

بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە بۇ ھۈنەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ

پىلە غوزىكىنى قاينىتىشتىن تارتىپ، يىپ تارتىش، بوياش،توقۇشنىڭ

ھەممىسى قولدا ئىشلىنىدىغانبولۇپ، ئىنتايىن نەپىس ئىشلىنىدۇ

ئەتلەستىن تىكىلگەن كۆڭلەكنى كىيىپ

چوڭ-كىچىك كوچىلاردا ماڭسىڭىز

مەيلى قەيەرگە بارماڭ، شۇ يەردىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلىنىسىز!

سۈرەت مەنبەسى: شىياۋ خۇڭشۇ@ يۈنشاڭيوۋپەي فوتوگراف-يۈ

رەڭلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىدىن ھۇزۇرلىنىپ بولغاندىن كېيىن

ئەمدى ئۇنىڭنۇسخىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ باقايلى

مەيلى گۈل-گىياھ، شاخ-يوپۇرماق، بادام بولسۇن

ياكى ياغاچ تارغاق، پۆپۈك، چالغۇ راۋابشەكلى بولسۇن

توپ-توپ كۆركەم ئەتلەسلەر

توقۇش ئاۋازى ئىچىدە بارلىققا كېلىدۇ

ھەر خىل نەقىشلەر شۇ جاينىڭ ئۆرپ-ئادىتى بىلەنزىچ بىرلەشتۈرۈلگەن

بۈگۈنكى كۈندە

ئەتلەس پەقەت

كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل رەخت بولۇپلا قالماي

يەنە مول رايون ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت مەھسۇلى بولۇپ

شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: شىياۋ خۇڭشۇ@ يۈنشاڭيوۋپەي فوتوگراف-يۈ

ھازىرقى ئەتلەسلەرمۇ تەدرىجىي ھالدا كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭىپ كىردى

لايىھەلىگۈچىلەر يېڭىلىق يارىتىپ

ئەتلەسنى زامانىۋى مودا بىلەن مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ

قەدىمكى سېھرىي كۈچىنى داۋاملاشتۇرۇپ

كىشىلەرگە ئەتلەسنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سالاپىتىنىنامايان قىلماقتا

 ئەتلەس ياغلىق

سۈرەت مەنبەسى: شىياۋ خۇڭشۇ@ شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى

شىنجاڭ مۇزېيىدا ئەتلەس ئامىل قىلىنغاننۇرغۇن ئىجادىي مەھسۇلاتلار بار

كىچىكياغلىق، كىچىك تۆگە، كىچىك سومكا، دوپپا، بىلەزۈك...

ئەگەر ئەتلەسكە قىزىقسىڭىز

بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ

سۈرەت مەنبەسى: شىياۋ خۇڭشۇ@ خوڭيې دىڭجى

بەزىلەر: يىپەك توغرىسىدا قانچىلىك تەسەۋۋۇربولسا

ھەممىسىنى ئەتلەستىن تاپقىلى بولىدۇ، دېيىشىدۇ

قارىماققا يىپەك يىپ موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ۋاقىت ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ

ئۇزاق يىللار ۋە مەدەنىيەت

موكا ئاۋازلىرىغا سىڭىپ، كىمخابقا ئايلىنىدۇ