«شىنجاڭ ياخشى جاي. دارىنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى» ئارشاڭ ناھىيەسىگە سەپەر

日期:2022年05月26日
来源:天山网
【字体:

«ياز پەسلىدە پۈركەندى يېشىللىققا دەرەخلەر، شۇنچە يارقىن، گۈزەلدۇر باراقسانقىزىل گۈللەر». 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، 20دىن ئارتۇق تور دارىنى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، فوتوگرافلاردىن تەشكىللەنگەن 2022-يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي. دارىنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى» پائالىيەت كوللېكتىپى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىگە كېلىپ، بىر كۈنلۈك داكا قىلىش-تەشۋىق قىلىشپائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

سۈرەتتە: دارىنلار ئارشاڭ ناھىيەسى دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتىدە.

​خالنۇر فوتوسى

پائالىيەت داۋامىدا، دارىنلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئارشاڭ ناھىيە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ بېينى مەدەنىيەت پەن-تېخنىكا باغچىسى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتى كالۇن مەدەنىيىتى ئاساسىي تېمىلىق قىشلىقى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، تارىخىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، يېزا-كەنت ئىستىراھىتى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا ھېس قىلىپ، ۋېيبو، ۋىيشىن، دوۋيىن، كۇەيشوۋ، تور بەت قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق ئارشاڭنى ساياھەت قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشۋىق قىلدى ۋە تونۇشتۇردى، نەق مەيدان ساياھىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش پائالىيىتى، توردا تارقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ساياھەت يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى تەرەققىياتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، «جۇڭگو ئارشاڭ يۇرتى» سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىشقا كۈچ قوشتى.

سۈرەتتە: دارىنلار ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ گۈزەل مەنزىرىنى ھېس قىلماقتا.

خالنۇر فوتوسى

ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭ ياخشى جاي . دارىنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى» پائالىيىتى 2018-يىلىدىن بۇيان ئۇدا 11 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۇدا توققۇز كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۆگدۆر ئورمان باغچىسى، تۇرجالياۋ ئوتلىقى، يىللار خاتىرىسى يېزا-كەنت كۆرگەزمە سارىيى، باقتۇ چېگرا ئېغىزى قاتارلىق 20دىن ئارتۇق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسىغا چېتىلىدۇ، دارىنلار ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلىپ، سۈرەت-يېزىق، قىسقا سىن، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار مەدەنىيىتى ۋە ساياھەت بايلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاش، خۇشال-خۇرام ئىشلەشتەك بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلىدۇ.