پۈتۈنلەي يېڭى ھالەتتە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى! 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كەينى-كەينىدىن ئېچىلىدۇ

日期:2022年05月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، پۈتۈنلەي يېڭى ھالەتتە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسى شادلىق دۇنياسى رەسمىي نامايان بولدى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى تۈرلەرنىڭكەينى-كەينىدىن ئېچىلىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان يەنە بىر ياخشى جايى كۆپىيىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسى شادلىق دۇنياسى سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ ئارقا باغچە رايونىغا جايلاشقان، ساياھەت، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، دەم ئېلىش، تاماشا قىلىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ بۆلەكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ رايوندا «تائام»، «سەيلە قىلىش»، «مال سېتىۋېلىش»، «كۆڭۈل ئېچىش»، «ئىستىراھەت»نى بىر گەۋدە قىلغان زامانىۋى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك باغچەبەرپا قىلىنىدىكەن.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىسۇ ئۈستى باغچىسى شادلىق دۇنياسى باغچە رايونىدا كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەق بولغانلىقىنى كۆردى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى

شادلىق دۇنياسى باغچە رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 مودىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى كۆڭۈل ئېچىش دۇنياسى،ئوماق ئەرمەك ھايۋانلار باغچىسى، زېرەكلەر قەبىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تېما رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسىدا، سېرك ئارتىسلىرى ماھارەت كۆرسىتىشكە تەييارلانماقتا.

مەنبە: ئالقاندىكى ئۈرۈمچى (掌上乌鲁木齐) \ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

كۆڭۈل ئېچىش دۇنياسى رايونىدا تاغ ئاشار ماشىنا، بوشلۇقتا ئايلىنىش قاتارلىق 20 نەچچە خىل كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەسى بار ئىكەن؛يازلىق تەتىلدە ئېچىلىشى مۆلچەرلەنگەن ئوماق ئەرمەك ھايۋانلار باغچە رايونىداشاتۇت، ئاق قۇ قاتارلىق 20 نەچچە خىل ئوماق ئەرمەك ھايۋانبار ئىكەن؛زېرەكلەر قەبىلىسى رايونى بولسا موتورسىز ئۈسكۈنىلەرنى ئاساس قىلغان ئاتا-ئانا، بالىلار پائالىيەت باغچىسى ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، باغچە رايونى يەنە كەسپىي كوللېكتىپنىكىرگۈزۈپ سۇ ئۈستى ئۇچار ئادەم ئويۇنى، چوڭ تىپتىكى سېرك ئويۇنى قاتارلىق ھەمتۈرتكە، ھېس قىلىش تۈرلىرىنى يولغا قويىدىكەن.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسىدا، سېرك ئارتىسلىرى ماھارەت كۆرسىتىشكە تەييارلانماقتا.

مەنبە: ئالقاندىكى ئۈرۈمچى (掌上乌鲁木齐) \ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

  «ئاسما شەكىللىك تاغ ئاشار ماشىنابىلەن ئادەتتىكى تاغ ئاشار ماشىنىنىڭپەرقى شۇكى، بۇ تاغ ئاشار ماشىنىغا ئولتۇرسىڭىز، بوشلۇقتا 1 مىنۇت 30 سېكۇنت ئېسىلىپ تۇرىسىز، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنىۋەھىمىگە سالىدۇ ۋە ھاياجانلاندۇرىدۇ» دېدى سۇ ئۈستى باغچىسى شادلىق دۇنياسىنىڭ مەسئۇلى پېڭ يوۋلياڭ. شادلىق دۇنياسى ئۈچ قارارغا بۆلۈنۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىدىغانبولۇپ، نۆۋەتتە 1-قارار ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا، كېيىنكى قەدەمدە چوڭ تىپتىكى لازېر نۇر سۇ كۆرگەزمىسى، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئېلېمېنتدار ئالەم ئۇقۇمى قاتارلىق رايونلار ئېچىلىدىكەن.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسى شادلىق دۇنياسىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسىئاسما شەكىللىك تاغ ئاشار ماشىنا.

مەنبە: ئالقاندىكى ئۈرۈمچى (掌上乌鲁木齐) \ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

سۇ ئۈستى باغچىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جوۋ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دەرىجىسىنىسىجىلئۆستۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سۇ ئۈستى باغچىسىدا سۇ رايونى، كۆڭۈل ئېچىش، باغ-ئورمان، ئىستىراھەت قاتارلىق تۆت چوڭ باش تېما رايونى بەرپا قىلىندى، سۇ ئۈستى باغچىسى شادلىق دۇنياسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ساياھەت تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، يەنىمۇ خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسىدا، ساياھەتچىلەر شادلىق دۇنياسىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسى − دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماياتنىكقا ئولتۇرماقتا.

مەنبە: ئالقاندىكى ئۈرۈمچى (掌上乌鲁木齐) \ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسى شادلىق دۇنياسىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسى.

مەنبە: ئالقاندىكى ئۈرۈمچى (掌上乌鲁木齐) \ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز داۋاملىق سەر خىل مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلدۇق، سۇ ئۈستى باغچىسى شادلىق دۇنياسى تۈرىنىڭ پۈتۈشى ساياھەتچىلەرنى ساياھەت تۈرلىرى تېخىمۇ مول بولغان ئىستىراھەت رايونى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تىيانشان رايونى ساياھەت كەسپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ياڭ.