مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ بۈك - باراقسان تۈسكە كىردى

日期:2022年05月25日
来源:天山网
【字体:

​− شىنجاڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەتتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىنىڭ جىمجىتلىقىنى دائىم ھەر خىل چالغۇلارنى تەڭشىگەن ئاۋاز بۇزۇپ تاشلايدۇ.

جاي كەنتىنىڭ «جۇڭگو شىنجاڭ ئەل ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساشتىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن نامى بار بولۇپ، چالغۇ ياساش تارىخى 300 يىلدىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتە چالغۇ ياساش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن يەتتىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىدىن بىرقانچە كىشى بار، 300دىن ئارتۇق ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنى چالغۇ ياساش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 2021 - يىلى پۈتۈن كەنتنىڭ چالغۇ سېتىشتىن قىلغان كىرىمى 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە ھۈنەر - سەنئەتكە ئۈنۈملۈك ۋارىسلىق قىلىنغان بولۇپ، يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تىل - يېزىقىنى ئۆزئارا ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەتتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردى.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش داۋامىدا جۇلالاندى

يەكەن ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ۋارىسى ئىلھام رېھىمنىڭ بوۋىسى بىلەن دادىسى شۇ جايدىكى داڭلىق ئون ئىككى مۇقام سەنئەتكارى، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قۇتقۇزۇش، رەتلەشتىن قوغداش، ۋارىسلىق قىلىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەريانغا گۇۋاھ بولدى. «ھازىر، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قۇرۇلدى، كۆپ قېتىم <ئون ئىككى مۇقام سەنئەت بايرىمى> قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەممىسىدە مۇقام ۋارىسلىرى بار.» 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىلھام مۇنداق دېدى: مەن كۆپ قېتىم يەكەن ناھىيەلىك ئون ئىككى مۇقام ئەل ئىچى سەنئەت ئۆمىكى بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نومۇرلارنى سىنغا ئېلىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ئويۇن قويۇشقا قاتناشتىم.

شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلار ھەمدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك قائىدە - نىزاملارنىڭ چىقىرىلىشى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، بېيتىڭ قەدىمىي شەھەر يادىكارلىقى، قىزىل مىڭئۆي، قىزىلقاغا تۇرى، سۇباشى بۇددا ئىبادەتخانىسى يادىكارلىقى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى «يىپەك يولى: چاڭئەن − تىيانشان كارىدورى يول تورى»غا كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، قىرغىز تارىخىي داستانى«ماناس» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەشرىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بىردەك دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ھازىر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 133ى بار. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىندى، تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، خەنزۇ مىللىتىنىڭ «يۈەنشياۋ پانۇس سەيلىسى»، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «مەشرەپ»ى، قازاق مىللىتىنىڭ «ئايتىس»ى قاتارلىق مىللىي ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى.

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە، ئۇلانمۇچىر ئەترىتىدىكى 40 نەچچە ئەترەت ئەزاسى شۇ جايدىكى «مەدەنىيەت داڭلىق شەخسلىرى». تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە، ئۇلار دەم ئالماي ئېگىز تاغ، يايلاقلارغا بېرىپ ئويۇن قويىدۇ، بىر يىلدا نەچچە يۈز مەيدان ئويۇن قويىدىغان بولۇپ، ئات باشلىق غېجەك، تۇۋا دۇمبىقى، توبشۇر قاتارلىق چالغۇلار بىلەن ئورۇندالغان نومۇرلار چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

كۈنەس ناھىيەسى كەڭسۇ بازىرى كەڭسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن جاقىپنۇر ۋوقاس قازاق مىللىتىنىڭ ئايتىس ۋارىسى. جاقىپنۇر 23 يېشىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە 300 پارچىگە يېقىن ئەسەر ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 23 پارچە ماقالە، ئون پارچە ئاقىنلار ئېيتىشىشى توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 2014 - يىلى ئۇ يەنە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولدى.

جاقىپنۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى شىنجاڭدا تىل - يېزىقنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئۈنۈملۈك قوغدالغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. شىنجاڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى ئۆزئارا ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى تۇتاش، قەلبى تۇتاش بولۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئون نەچچە خىل تىل ۋە يېزىقنى قوللىنىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى قانۇن يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت، جەمئىيەت ئاممىۋى ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودا دۇكىنى، پوچتا - تېلېگراف، داۋالاش مۇلازىمىتى، قاتناش بەلگىسى قاتارلىق جەمئىيەت ئاممىۋى ساھەلىرىدە كۆپ خىل تىل، كۆپ خىل يېزىقتىكى قولايلىق مۇلازىمەتنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك بولدى

قۇربان نىيازنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقىنىغا 20 يىل بولدى. «بۇ يىللاردا، بۇ<كىچىك ئۇۋا>دىن نۇرغۇن <ئالتۇن سۇمۇرغ> ئۇچۇپ چىقتى» دېدى ئۇ.

20 يىل جەريانىدا، قۇرباننىڭ 1000غا يېقىن ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتكۈزدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق داشۆلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنلەر، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققانلار بار، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپى ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدا كۈرەش قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قۇربان بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ. ئەگەر ئەينى چاغدا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇمىغان بولسا، ئۇلار ئېھتىمال بىر ئۆمۈر يېزا - بازاردىن چىقالمىغان، نەچچە مو يەرنى تېرىپ، نەچچە قوينى بېقىپ ئۆمرى ئۆتكەن بولاتتى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدى. بالىلار مائارىپنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولدى، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى داۋامىدا مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەنلا ھويلا - ئاراننى تازىلاش يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرى بوۋاقۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەسەن ئابدۇكېرىمنىڭ كۈندىلىك ئادىتى. «ئائىلىمىز كەنتتىكى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى، دائىم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىمىز، شۇڭا پاكىز، رەتلىك يىغىشتۇرۇپ قويمىسام بولمايدۇ» دېدى ھەسەن. گۈل - گىياھ ۋە دەل - دەرەخلەرگە ئورالغان چوڭ ھويلا ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ ئۆزلىرى ئورۇندىغان ناخشا - ئۇسسۇللار كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. چوڭ ھويلىغا يەنە كىتاب ئوقۇش رايونى، كۆڭۈل ئېچىش رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب، گېزىت ئوقۇش، لېكسىيە سۆزلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە نومۇر رېپېتىتسىيە قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

بۇلتۇردىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە 55 «مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش كەنتى تەسىس قىلىندى، «مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى» كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، مەدەنىي يېزا ئىستىلىنى يېتىلدۈرىدىغان بەخت چوڭ ھويلىسىغا ئايلاندى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەر بولۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇردى، رادىيو - تېلېۋىزىيەنى «ھەممە كەنتكە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى» ۋە «بىۋاسىتە تارقىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ھەممە ئائىلىگە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»، ئاخبارات - نەشرىيات «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى» «ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت سارىيى، كۇتۇپخانىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى» «مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قۇرۇلۇشى» «يېزا - بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇلۇشى» قاتارلىق بىر قاتار مەدەنىيەت ئۇل قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويدى. 2019 - يىلىغا قەدەر، شىنجاڭدا ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن 112سى، مۇزېي ۋە خاتىرە سارايدىن 106سى، پەن - تېخنىكا سارىيىدىن 29ى، گۈزەل سەنئەت سارىيىدىن 60ى، مەدەنىيەت سارىيىدىن 130ى، يېزا - بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتىدىن 1350ى بار بولدى، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن 102سى بار بولۇپ، رادىيو ۋە تېلېۋىزىيەنىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98.68 ۋە %98.85كە يېتىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا (بازار، كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)نى قاپلىغان بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللەندى. مەدەنىيەت سارىيى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. ھەممە ئائىلىگە رادىيو - تېلېۋىزىيەنى كىرگۈزۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كىنو قويۇش، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى يېزىلارنى تولۇق قاپلاپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بولدى.

مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئۆركىن ئائىلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام كۈنلىرى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ، چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلىسى تۆت مىللەت، 23 كىشىدىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە. باھار بايرىمى، يۈەنشياۋ بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كاتتا بايراملاردىن باشقا، ئۇلار نورۇز بايرىمى، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت قاتارلىق بايراملارنىمۇ قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىدىن زوقلانغاچقا، ئۆركىن ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ.

پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇشتا چىڭ تۇرغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۈنۈملۈك قوغدىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىش بىلەن بىللە، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

پولۇ، سامسا، ئۆي لەڭمىنى، كاۋاپ... «خوتەن ئاشخانىسى»غا كىرسىلا، مەززىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلىدۇ. ھازىر، «خوتەن ئاشخانىسى» ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ ئاۋات ئاشخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مەززىلىك تائاملاردىن باشقا، «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ بېزىلىشىمۇ قويۇق مىللىي پۇراققا تولغان بولۇپ، خوتەننىڭ ئۆزگىچە تام رەسىملىرى، ئەتلەس ئېلېمېنتى يۇغۇرۇلغان چىنە - چەينەك، قاچا - قۇچىلار بار، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى خوتەننىڭ ئۆزىدىن. بۇلار شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىدە جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىش ئويى تۇغۇلدى.

مەۋلانجان تۇرسۇن بىلەن سۇڭ كەي مەززىلىك تائاملار سەۋەبىدىن چىقىشىپ قالغان ياخشى دوستلاردىن. مەۋلانجان قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئۇ مەززىلىك تائاملار رىياسەتچىسى بولۇپ، سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىدىن كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدۇ، قېشى ئالاھىدە قويۇق بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «قەشقەرلىك قارا قاش ئاكا» دەپ ئاتايدۇ. تۆت يىل ئىلگىرى، ئىككىيلەن بىر قېتىملىق يىغىلىشتا تونۇشۇپ، بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قالغانىدى. سۇڭ كەي خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەۋلانجاننىڭ شىركىتىگە كېلىپ، مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن سىن ئىشلەپ بەردى. بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۆزئارا چۈشىنىپ، بىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەمكارلاشتى، ئىككىيلەن قېرىنداشلاردەك يېقىن دوستلاردىن، ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇپ قالدى.

مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئۈن - تىنسىز ھالدا كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. شىنجاڭدا مەيدان ئۇسسۇلىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 300دىن ئارتۇق مەيدان ئۇسسۇلى ئەترىتى بار، 50 ياشلىق چېن يۇڭشېڭ نۇرغۇن مەيدان ئۇسسۇلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىرى، ئۇ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇلىنى ئويناشقا ئەڭ ماھىر. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇ كۇەيشوۋ سۇپىسىدا شىنجاڭ ئۇسسۇلى قىسقا سىنىدىن 4000غا يېقىننى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناش نۇرغۇن مەيدان ئۇسسۇلى ئەترىتىنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سى، مەيدان ئۇسسۇلى ئوينايدىغان نۇرغۇن سورۇن بار، ھەر كۈنى شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايدىغان مەخسۇس مەيدان تەسىس قىلىنغان. كۆپچىلىك بىرلىكتە ئەستايىدىللىق بىلەن بوينىنى ئېتىۋاتقان كۆرۈنۈش ئىنتايىن قىزىقارلىق، يەنە بارغانسېرى كۆپ ھەر مىللەت ئامما تانسا، ساغلاملىق ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى ئويناشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. مەيداندىكى ھەرخىل ئۇسسۇل ئەترەتلىرىنىڭ بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، ئۆزئارا سىغدۇرۇشى جەريانىدا، مەدەنىيەت ئۈن - تىنسىز ھالدا قوبۇل قىلىندى، يۇغۇرۇلدى.