جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق دەۋر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇش

日期:2022年05月24日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيىنى زىيارەت

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيى كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى. كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ مۇزېيغا يېڭىدىن قانداق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قويۇلدى، يېڭى كۆرۈنۈشلەرنىڭ سىرى قانداق ئېچىلدى، قانداق يېڭى ئىقتىدارلار كۆپەيتىلدى، قانداق يېڭى كۈچ قويۇپ بېرىلدى؟ مۇخبىر سىزنى باشلاپ بىرلىكتە زىيارەت قىلىدۇ.

ئىدىيەسى يېڭىلاندى ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

«مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە ئوخشاش دەرىجىدىكى مۇزېيغا بېرىپ باققان، بۇ يەرنىڭ لايىھەلەش ئىدىيەسى يېڭى، ئاممىۋى رايونى چوڭ بولۇپ، شۇ مۇزېيلاردىن قىلچە قېلىشمايدىكەن، مۇزېينى بىر كۈن ئايلانسا، ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تەپسىلىي ھۇزۇرلانغىلى بولىدىكەن.» كۆرۈرمەن چېڭ ياڭ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيە قىلىپمۇ پۇخادىن چىقمىدى، ئۇ شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيىغا تولۇق نومۇر بەردى.

جەمئىي 370 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيى يەر ئاستى بىر قەۋەت ۋە يەر ئۈستى تۆت قەۋەت بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 12 مىڭ 255 كىۋادرات مېتىر، 1 -، 2 - قارارلىق ساراينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 49 مىڭ 608 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. كېڭەيتىپ قۇرۇلغان قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش بوشلۇقى «口» خېتى شەكلىدە بولۇپ، 1 - قارارلىق ساراي بىلەن بىرىكىپ «合» خېتىنى شەكىللەندۈرگەن، پۈتكۈل بوشلۇق تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشكەن، تېخىمۇ ماسلاشقان. ئاممىۋى مۇلازىمەت رايونى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ساقلاش رايونى كۆلىمىنىڭ يىغىندىسى قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە كۆرگەزمە قىلىشقا ئاجرىتىلغان، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشى، ھېس قىلىشى ۋە ئىستىراھەت پائالىيەتلىرىگە ئاجرىتىپ بېرىلگەن، لايىھەلەش ئىدىيەسى شىنجاڭ مۇزېيىنى ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى تولۇق نامايان قىلغان.

2 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مەسئۇلى جاۋ دېۋېن «口» خېتى شەكىللىك قۇرۇلۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇمىلاق ئىمارەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ، يەر كۆلىمى 400 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدىكى ئاممىۋى ئىستىراھەت رايونى بولۇپ، ئىچىگە ئاشخانا ۋە قەھۋەخانا تەسىس قىلىنغان. ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر كىرىپ ئارام ئالسا بولىدۇ، بۇ، كۆرۈرمەنلەرنى مۇزېينى تېخىمۇ ئەركىن ۋە ئازادە ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ».

«2 - قارارلىق يېڭى ساراينىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ كۆلەم، ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، مۇزېينىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەتنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش شىنجاڭ مۇزېيىغا يۈكلەنگەن ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەت.» شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا مۇنداق تونۇشتۇردى: 2 - قارارلىق يېڭى ساراينىڭ 1 - قەۋىتىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشخانىسى بار بولۇپ، ئاممىغا قەرەللىك ھالدا ئېچىۋېتىلىدۇ، 2 - قەۋىتىگە «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 3 - قەۋىتىگە ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، 4 - قەۋەت كۇتۇپخانىدا ساقلانغان نەچچە ئون مىڭ پارچە ھۆججەت - ئەسەر، ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئوقۇش ئۆيى قىلىپ تەسىس قىلىندى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز تېخىمۇ كۆپ ئېسىل كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىمىز».

ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھەممە ئورتاق ھۇزۇرلىنىدۇ

قىممەتلىك، كۆركەم يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار، كۆپ مىللەتنىڭ تارىخىي تىل - يېزىق بامبۇك پۈتۈكلىرى ۋە قەغەز ھۆججەتلەر، نەپىس تام رەسىم ھەيكەلتىراشلىقى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى... پۈتۈنلەي يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»دە، نۇرغۇن ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

«لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسى 2021 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنىڭ بىرى.» سارغىيىپ كەتكەن ھۆججەتلەرگە قاراپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي ھەۋەسكارى، 71 ياشلىق جوۋ شىنچياڭ بىر ئاز ھاياجانلاندى، «يادىكارلىق ئورنىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى بولغان زور بىر تۈركۈم ھۆججەتلەر قېزىۋېلىنغانىدى، بۇ ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىنى بۇنداق تېزلا كۆرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم».

«شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى پىلانلاپ تەييارلىق قىلىشتىن ئېچىۋېتىشكىچە تۆت يىل ۋاقىت كەتتى، كۆرگەزمە جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخىنى تومۇر قىلىپ، چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋر، غەربىي خەن ۋە شەرقىي خەن سۇلالىلىرى دەۋرى، ۋېي، جىن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرى، بەش دەۋر، سۇڭ، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرى، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىبارەت يەتتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋردىن چىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ھەرقايسى دەۋرلەردىكى 1570 پارچە (گۇرۇپپا) ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئىلگىرى كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 500گە يېقىن كۆرگەزمە بۇيۇمى تۇنجى قېتىم ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. مول كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغان، قاتلىمى ئوخشاش بولمىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرگەزمىدىن ھۇزۇرلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«يېڭى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاللاشتا مۇنداق بىر پىرىنسىپىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىدىكى يېڭى نەتىجىلەر، يېڭى بايقاشلار، يېڭى تەتقىقاتلارنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت» دېدى شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ، نۆۋەتتە شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش بويىچە 11 تۈر بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز تۈر «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆرگەزمە زالىدا نامايان قىلىندى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەتىجىلىرى مول بولدى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكىدەك ئورتاقلىققا ئىگە: بىرىنچى، تارىختىكى مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ شىنجاڭنى بىرتۇتاش باشقۇرغانلىقى، ئىدارە قىلغانلىقىنى ئەمەلىي ئىسپاتلايدۇ، ئىككىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئېچىپ بېرىدۇ، ئۈچىنچى، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولىدىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئالماشتۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.» يۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىش ۋە جانلىق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما «كەلگەن جايىنى بىلىش، بارىدىغان جايىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، تارىختىن كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

مەپتۇن قىلىش شەكلىدىكى ھېس قىلىش جان كىرگۈزۈلگەن تارىخ

پايانسىز قۇملۇقتا قىر شەكىللىك، يۇمىلاق شەكىللىك، بوتقىسىمان شەكىللىك توغراق قوزۇقلىرىنى كەزگەن كۆرۈرمەن نىساگۈل ئەركىن ئۆزىنى لوپنۇردىكى سىرلىق كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدى.

شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 4 - قەۋىتىدىكى رەقەملىك ھېس قىلىش زالىدا، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمىي يادىكارلىق ئىزلىرىنى بىر ئورۇندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش»نى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، نىساگۈل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كىرورانغا بارمايمۇ 4000 يىل ئىلگىرىكى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىغا ھالقىپ بېرىپ، ئۆزگىچە ئېكسكۇرسىيەنى باشلىدىم».

رەقەملىك مۇزېي قۇرۇلۇشى ئالاقە تورى دەۋرىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، تېخىمۇ يېڭى «ئېچىش شەكلى»گە ئىگە قىلدى. شىنجاڭ مۇزېيىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رەقەملەشتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قانداق قىلغاندا رەقەملەشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ يېپيېڭى ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمىي يادىكارلىق ئىزلىرىنى بىر ئورۇندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش» «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جان كىرگۈزگەن سەھنە تىياتىرى» «پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە كۆرۈرمەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ «رەقەملىك مۇزېيدا مەپتۇن قىلىش شەكلىدىكى ھېس قىلىش تۈرى» شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ دادىل سىناق قىلغانلىقى ۋە يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ تۈرلەر زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ئاممىغا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، قىزىقارلىق ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا تېخىمۇ «جان كىرگۈزدى».

«پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە كۆرۈرمەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش» تۈرىدە، كۆرۈرمەنلەر پەقەت بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرسىلا، رەقەملەشكەن كۆرگەزمە بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كۆرگەزمە زالىنى كېزىپ چىقالايدۇ، يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يۆتكەپ، چوڭايتىپ، ئايلاندۇرۇپ، «كۆرگەزمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ» ياكى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ»، ئۆزىگە خاس كۆرگەزمە ھەمتۈرتكە بوشلۇقىنى يارىتالايدۇ.

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جان كىرگۈزگەن سەھنە تىياتىرى» «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» «كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلى» «قەدىمدىن ھازىرغىچە» «كىچىك مىرەن مەلىكىسى» «قاپىيە ۋە ئاۋاز»دىن ئىبارەت بەش تىياتىردىن تەركىب تاپقان. بۇ تىياتىرلاردا مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، «قىزىل مىڭئۆي» قاتارلىقلار باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىي ھالدا تۇرمۇش مەنزىرىسىگە سىڭدۈرۈلۈپ، بىر قاتار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۇرۇۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، تۇرمۇش قىياپىتى ۋە سەنئەت شەكلى ئىمكانقەدەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن تارىخ جەھەتتە ۋارىسلىق قىلىش ، مەدەنىيەت جەھەتتە زىچ سىڭىشىش، ئادىمىيەت جەھەتتە قويۇق ئالاقە باغلاش، يىلتىزى تومۇرداش بولۇشتەك زىچ مۇناسىۋىتى نامايان قىلىنىپ، كۆرۈرمەنلەرگە يېپيېڭى تۇيغۇ بېغىشلىدى.

«قەدىمدىن ھازىرغىچە، گەرچە ئۆگىنىش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئوخشاش دەرسلىكنى ئىشلىتىپ، ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆگەندى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا ئاللىقاچان چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىچىك دوست قولىدا «ساڭ جيې ئەسەرلىرى»نىڭ خەن سۇلالىسىدىكى بامبۇك پۈتۈكلىرىنى تۇتقىنىچە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىچىك دوست بۇ تيەن شوۋ قولىدا كىتاب كۆتۈرگىنىچە، قولىدا تاختا كومپيۇتېر كۆتۈرۈۋالغان ھازىرقى زاماندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە سەھنىدە پەيدا بولۇپ، «ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەننى ئۈزلۈكسىز تەكرارلاش كۆڭۈللۈك بىر ئىش ئەمەسمۇ» دېگەن مىسرالارنى ئورتاق دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كۆرۈرمەن خې جياجۈن «قەدىمدىن ھازىرغىچە» ناملىق ئەسەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى چۈشەندى.

خې جيا مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ مۇزېيى مەپتۇن قىلىش شەكلىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلىش تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، يۆتكىگىلى بولىدىغان ۋە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، ئۆزئارا دەلىللەپ، ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەر مىللەت كۆرۈرمەنلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش ۋە ئۆزى ئايلىنىپ چىقىش داۋامىدا جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىدۇ.