ئاشقازىنىڭىزنى «بىكارلاپ»، شىنجاڭنىڭ بۇ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىڭ!

日期:2022年05月23日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 19-كۈنى __ جۇڭگو ساياھەت كۈنى

ساياھەت توغرىسىدا توختالغاندا

چوقۇم گۈزەل شىنجاڭنى تىلغائالماي بولمايدۇ

شىنجاڭتىلغا ئېلىنغانداتېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش كېرەك

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ تۇپراقتا

ئاسماندا ئۇچىدىغان

يەردە ماڭىدىغان

سۇدا ئۈزىدىغان

نەرسىلەرنىڭھەممىسى ئېسىل يېمەكلىككە ئايلىنالايدۇ

ئاسماندا ئۇچىدىغانلار

بۇ تۈر بىرقەدەر ئاز بولۇپ

ئەڭ قالتىس بولغىنى كەپتەر

مەززىلىك كەپتەر كاۋىپىغا

يەنە ئوزۇقلۇق مىقدارى %100بولغان كەپتەر شورپىسىنى قوشسىڭىز

ئىسسىق قانلىرىڭىز ئۇرغۇپ كېتىدۇ

ھەقىقەتەنئىنتايىن مەززىلىك

كەپتەر شۇنداق ئوماق تۇرسا، يېيىشكە قىيالمايمىز، دېمەڭ

بىر قېتىم تېتىپ باقسىڭىز

قانداقلىقىنى بىلىپ قالىسىز

يەردە ماڭىدىغانلار

يەردە ماڭىدىغانلار كۆپ

داپەنجى، جياۋماجى، لازىجىنى

توخۇ قورۇمىسى دۇنياسىدىكى ئۈچ ماگناتدېيىشكە بولىدۇ

مەززىلىك ساۋەن داپەنجىسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي خېنەن يولىغا جايلاشقان «بودەك بوۋاي»شىنجاڭ ئۆزگىچە جياۋماجى دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى ئۆزگىچە جياۋماجىنى كۆرسەتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

لازىجى

قويغا كەلسەك

ئۇنداقتا مەن سىزگە دەپ بېرەي

قوينىڭ ھەممە ئەزاسىنى

يېيىشكەبولىدۇ!

نېمىشقا پەقەت مۇشۇ بىرنەچچە خىللا دەپ سورىماڭ؟

چۈنكى باشقىلىرىنى تېخى رەسىمگە تارتىپ بولغىچە

ھەممىسىيېيىلىپ بولدى!

ھوي؟ كۇنۇپكا تاختىسىدا نېمە كۆپ شۆلگەي بۇ؟

كالىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە

ۋەنزە شورپىسى

گۇيرۇ لەغمەن(كۆپىنچىسى كالا گۆشى)

خوگودىكى كالا گۆشى ھەققىدەكۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ؟

بىر كۈنلۈك ئالدىراش خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن

بىرنەچچە دوستىڭىزنى چاقىرىپ

بىر ۋاقلىق مەززىلىك خوگو يېسىڭىز

ئەتىسىباشقىچە روھلۇق بولۇپ كېتىسىز

ئات گۆشىمۇ بەك قالتىس

بىراق مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم يەنىلا ئات گۆشى قىزىسى

چاينىغاندا قوۋۇزۇم ئازراق ئاغرىغاندىن باشقا

ئات گۆشى قىزىسى يەنىلا ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ

سۇدا ئۈزىدىغانلار

بېلىق كاۋىپىنى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك

قىرلاپ پىشۇرۇلغانبۇ خىل بېلىق كاۋىپىنى سىز چوقۇم كۆرۈپ باقمىغانسىز؟

قورقماڭ

سىزنى چىشلىۋالمايدۇ

كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى ئۇششاقتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلەرگە بېلىق كاۋىپى تەييارلىماقتا.

چۆ. خۇرە فوتوسى

بېلىقنىڭتېشى قىزىرىپ، ئىچىيۇمران پىشىدۇ

بېلىقنى ئېلىپ

ئازراق لازا، تۇز، زىرە، پىياز سېپىلىدۇ

ئاندىنپىۋا ئىچكەچ يېسەكبەك كۆڭۈللۈك بولىدۇ

بېلىق كاۋىپىدىن باشقا

يەنەچوڭ تەخسلىك غاز قورۇمىسىئاشقازىنىڭىزنىغىدىقلايدۇ

چوڭ تەخسىلىك غاز قورۇمىسىداپەنجىگە ئوخشاشچوڭ تەخسىلىك قورۇمىغا تەۋە بولسىمۇ

لېكىن تەمى يەنىلا ئوخشىمايدۇ

بۇنى ئۆزىڭىز كېلىپ تېتىپ بېقىشىڭىز كېرەك

بۈگۈن پەقەت شىنجاڭ تائاملىرى ئىچىدىكى «ئاساسلىقتائاملار»نى تىلغا ئالدۇق

يەنە نۇرغۇن ئۇششاق مەززىلىك يېمەكلىكلەرمۇ بار

كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ

ماڭىمەن دەپلاچىقىڭ-دە،گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپمەززىلىك تائاملارنى قانغۇچە تېتىڭ

كەلدىڭىزمۇ؟