«جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا باشلاندى

日期:2022年05月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2022 - يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ھەم «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت . سايرام كۆلى» يەرلىك خاسلىققا ئىگە نەق مەيداندا ئېچىلىدىغان پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا باشلاندى.

بۇ يىلقى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نىڭ باش تېمىسى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، گۈزەل سەپەردىن ھۇزۇرلىنىش». باشلىنىش مۇراسىمى تور سىرتىدا ساياھەتنى ھېس قىلىش بىلەن توردا تور بىلەن تونۇشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ۋە كۆرگەزمە ئويۇنى، ساياھەت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى، خاس مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، ناخشا - ئۇسسۇل ئويۇنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى جەلپ قىلىندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، ئىستىراھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، ئارشاڭدا ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش، قۇملۇقتا دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سايرام كۆلىنى باشلامچى، ئارشاڭ، سايرام كۆلى ساياھىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى يادرو قىلىپ، «سايرام كۆلىدە ساياھەت قىلىش، ئارشاڭدا كۈتۈنۈش» كەسپىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلىدى. 2021 - يىلى، بورتالا ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %80.4 ۋە %143 ئاشتى، ساياھەتچىلىك يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان موتورغا ئايلاندى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئالاقىدار ئورۇنلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايون» «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت - ئىستىراھەت كوچا رايونى» «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت - ئىستىراھەت ئورنى» «دۆلەت دەرىجىلىك A دەرىجىلىك ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، B دەرىجىلىك ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى» ۋەكىللىرىگە ۋىۋىسكا بەردى، 12 - پەسىللىك «دارېنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى»نى توردا كېڭەيتىش ۋە «شىنجاڭنى سۆيۈش . يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» 10 مىڭ ئاپتوموبىللىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تىيانشاننى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىدىكى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر ۋەكىللىرىگە بايراق بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەت ماركىسى بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، ساياھەت - ئىستىراھەت كوچا رايونى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايون، كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايون، ئېسىل مەنزىرە رايونى، ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىلىرىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.