گۈللەرنى قوغلىشىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ،

日期:2022年05月20日
来源:天山网
【字体:

5 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ جىگدە بۇلاق كەنتىگە جايلاشقان چوغلۇق بازىسىدا 700 مودىن ئارتۇق يەردە ئۆستۈرۈلگەن چوغلۇقلار گۈل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. ھەر خىل رەڭدىكى چوغلۇقلار گۈللەرنىڭ خۇشھىدىغا جور بولۇپبەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

جىگدە بۇلاق كەنتى ئەسلىدە چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى چارۋا بېقىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى. 2017 ـ يىلى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەم دورىلىق قىممىتى، ھەم ھۇزۇرلىنىش قىممىتى بولغان چوغلۇقئۆستۈرۈپ، خاس كەسىپ بەرپا قىلىپ، يېزا ـ كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. ھازىر، ھەر يىلى گۈل پەسلىدە، شۇ جاي چوغلۇق بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ، جىگدە بۇلاق كەنتى يىراق ـ يېقىنغا داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى، بۇ ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: بورتالا شەھىرى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى​