سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى بۇ يىل 28 تۈرنى يېڭىدىن ياكى داۋاملاشتۇرۇپ قۇرىدۇ

日期:2022年05月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ ) مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مەنزىرە رايونى 28 تۈرنى يېڭىدىن ياكى داۋاملاشتۇرۇپقۇرۇپ،ئۇل ئەسلىھەلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىكەن.

نۆۋەتتە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى سەيبېيباۋ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرى تۈرى جىددىي ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاساسىي گەۋدىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

سەيبېيباۋ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرى تۈرى سايرام كۆلىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، لاگېردا 100 ئېغىز ياتاق، 58 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار. تۈر پۈتكەندىن كېيىن خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تۈسىنى ئالغانئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت-ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلىنىپ، مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش، مەپتۇن قىلىش شەكلىدىكىتىياتىرخانا ئويۇنى، كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ھېس قىلىش، ئارامبەخش دالا قونالغۇسى تۈسىدىكىپۇقراۋى قونالغۇقاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.

تيەنيۈ ۋېيلەن ساغلاملىق كۈتۈنۈش مېھمانسارىيى، سايرام تەسىراتى مېھمانسارىيى قاتارلىق بىر تۈركۈم مېھمانسارايلارمۇ قۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى، قار تېيىلىش مەيدانى، سوداھېس قىلىش رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە.

مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەر، مەدەنىيەت-ساياھەت ئەسلىھەلىرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈر بويىچە، سايرام مەنزىرە رايونى «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدىكى تۈر ئامبىرىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، جەمئىي 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش، 120دىن ئارتۇق تۈرنى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ خۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سايرام كۆلىنى قوغداش نىزامى»، «سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى»غا ئاساسەن، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ كەسىپ ھالىتىنى موللاشتۇرىدۇ.