شىخەنزە − قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى

日期:2022年05月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) 5- ئاينىڭ 17- كۈنى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان شىخەنزە − ئاقسۇ − قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىدى، بۇ، شىخەنزىنىڭ تۇنجى قېتىم قەشقەر بىلەن تۇتىشىدىغان ھاۋا يولىنى ئېچىشى ھېسابلىنىدۇ.

شىخەنزە − ئاقسۇ − قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بېرىشتا سائەت 15تە شىخەنزىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇغا يېتىپ كېلىدۇ، سائەت 18دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ؛ قايتىشتا سائەت 14تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 15تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇغا يېتىپ كېلىدۇ، سائەت 18دە شىخەنزىگە يېتىپ كېلىدۇ؛ ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى قاتنايدۇ.

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى 2018- يىلى شىنجاڭغا ماكانلاشقاندىن بۇيان، تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى شىنجاڭدىكى 19 شەھەرگە تۇتاشتۇردى، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى مول تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تورىغا تايىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت بىرىكىپ ماسلىشىپ، گىرەلەشمە تۇتاشتۇرۇپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇلانما مۇساپىلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايرۇدۇرۇم توپى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ راۋانلىشىشى، ماس يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇلانما مۇساپىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ شىخەنزىدىن چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، شىنىڭ، كېرىيە، يەكەن قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى جايلارغا بارغىلى بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، باشقا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمۇ شىخەنزىدە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتقان، ھازىر ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى شىخەنزە − جېڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شېنياڭ − شىخەنزە − چۆچەك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى. تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى يېڭىدىن شىخەنزە − كۇچا − خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، 5- ئاينىڭ 24- كۈنى يېڭىدىن شىخەنزە − كۇچا − قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ.