◈ئەتە− 2022-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»
◈باش تېما−«جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، گۈزەل سەپەردىن ھۇزۇرلىنىش»
◈شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى − بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
◈بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر−سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى قوزغىتىش مۇراسىمى، مېھمانلار ھېس قىلىش ساياھىتى، «شىنجاڭنى سۆيۈش . يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» 10 مىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تىيانشاننى ساياھەت قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، جۇڭگو شىنجاڭ 14 ـ نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول مارافون مۇسابىقىسى قاتارلىقلار
◈ ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى−ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرىھەقسىز كىرىش، باھاسىنى چۈشۈرۈش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى
▲5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويىدۇ.
▲قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋۇجېن بازىرى 100 يۈەن ئېتىبارلىق ياتاق بېلىتى تارقىتىدۇ.
▲قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋۇجېن بازىرى 100 يۈەن ئېتىبارلىق ياتاق بېلىتى تارقىتىدۇ.
▲تۇرپان بۇيلۇقنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
▲كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
▲يامانسۇ ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
▲يامانسۇ ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
▲كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
▲ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلەت باھاسى يېرىم باھا قىلىنىدۇ.
◈بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى 68 مەنزىرە رايونى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى، قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونىدىكى توققۇز جايدىكى A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، پەيزاۋات ناھىيەسى توغراق ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى ۋە ئورمان ساياھەت ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلاردا كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ساياھەت كوپىراتىپلىرىمۇ يۈرۈشلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدۇ. قاراماي شەھىرىدىكى شىنجاڭ توفېڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى «شىمالغا قاراپ مېڭىش» جېمىنەي − قاناس ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان تۆت كۈنلۈك ساياھەت، «جەنۇبقا قاراپ مېڭىش» G219 تاشيولى − تۆرجايلاۋ ئوتلىقى − قاراجون − مايتاغ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان بەش كۈنلۈك ساياھەتتە %10 ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويدى ھەم شىنجاڭ ئىچى ساياھىتى، دۆلەت ئىچى ساياھىتى پۇل بېلىتى تارقاتتى.