ساياھەت كۈنىدە، سىزنى توققۇزتاراغا تەكلىپ قىلاي

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 19-كۈنى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى». 2022-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نىڭ باش تېمىسى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، گۈزەل سەپەردىن ھۇزۇرلىنىش». شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانىدىكى پائالىيەتلەر باش تېمىنى چۆرىدەپ، تور سىرتىدا ساياھەت قىلىش، توردا تور بىلەن تونۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئاساسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

ساياھەت كۈنىدە نەگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟ ھازىر شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ راسا گۈزەل ۋاقتى، بۇ گۈزەل پەسىلدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئەڭ گۈزەل جايدا ئۇچراشمامدۇق؟!

مەن سىزنى توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى چوقۇم بېرىشقا تېگىشلىك مەنزىرە نۇقتىلىرىغا باشلاپ باراي.

كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونى

ئىلىدىكى كۆندەلەڭگە بېرىپ باققانمىدىڭىز؟

گەرچۇ ئۇ ناراتتەك داڭلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئىلىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرلۇق مەرۋايىت ھېسابلىنىدۇ.

كۆندەلەڭ شىنجاڭ توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، مەنزىرە رايونى يېشىل تاغلار بىلەن ئورالغان، ئېقىن سۈيى دولقۇنسىمان ئېقىپ، تاغلار، ئوت-چۆپلەر يېشىل رەڭدە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. يىراقتىكى قارلىق تاغلارغا نەزەر تاشلاپ، يېقىندىكى ئورمان دېڭىزىنى تاماشا قىلغاندا، ئادەم ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن مەستخۇش بولماي قالمايدۇ. كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونى تىيانشان ئورمىنى ئەڭ بۈك-باراقسان جاي بولۇپ، دۇنيادىكى كەم ئۇچرايدىغان شەمشاد ئورمان بايلىقىغا ئىگە. بۇ يەردە شەمشادنىڭ تۈرى تولۇق، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىدىكى ياۋايى جانلىقلار تۈرى «تەبىئىي گېن ئامبىرى» دەپ ئاتالغان. جەنۇب-شىمال يۆنىلىشى ئالاھىدە بولغاچقا، كۆندەلەڭ قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولىدۇ، تۆت پەسىلنىڭ كىلىماتى كىشىگە ياقىدۇ. شۇڭا كۆندەلەڭ ھەم ئىلىدىكى داڭلىق مەنزىرىلىك رايون، ھەم سالقىندايدىغان مەنزىرىلىك جاي. ئەتىدىكى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»دە كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

كۆندەلەڭدە «مەنزىرە ئىچىدە مەنزىرە» بار، كۆندەلەڭ بازىرىغا جايلاشقان چوڭ مۇخۇر تىيانشاننىڭ غەربىي ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى مۇھىم ئورمان رايونىنىڭ بىرى، چوڭ مۇخۇر دەرياسى بۇ جايدىن ئېقىپ ئۆتكەچكە، شۇ نام بىلەن ئاتالغان، ئۇنىڭ ئاساسىي جىلغىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 26 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تارماق جىلغىلىرى كۆپ، مەنزىرىسى گۈزەل. جىلغا چوققىسىدىكى كەڭ كەتكەن شەمشاد ئورمىنى ئېگىز ۋە بۈك-باراقسان بولۇپ، قويۇق ئىپتىدائىي ئورماندا ئاپئاق كىگىز ئۆيلەر گاھ كۆرۈنۈپ،گاھ كۆرۈنمەيدۇ.

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى، بۈگۈنكى چوڭ مۇخۇر نۇرغۇن ساياھەتچى، رەسىم سىزىش ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلدى.

ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونى 

ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونى توققۇزتارا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن 13 كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئومۇمىي كۆلىمى 1180 گېكتار كېلىدۇ، ئۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىي بايلىق نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان رايون.

ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلمى ساھەسىدە «تىرىك قاتما» دېگەن نامى بولۇپ، تۈر بايلىقىنىڭ تەبىئىي گېن ئامبىرى ،شۇنداقلا ياۋايى ئۆسۈملۈك مۇزېيى ھېسابلىنىدۇ. جىلغىدا 10 مىڭ تۈپكە يېقىن ياۋا ياڭاق دەرىخى، 350 خىلدىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك، 100 خىل قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق جانلىق، 50 خىلدىن ئارتۇق ھاشارات، ئونخىلدىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك بار. بۈك-باراقسان ئۆسكەن ياۋا ياڭاقلىق ئېلىمىزدىلا بار بولغان ئۆزگىچە مەنزىرە رايونى بولۇپ، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، ئاسىيادا پەقەت بىرىلا بار. ئەتىدىكى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»دە بۇ يەرنىڭ كىرىش بېلەت باھاسى يېرىم باھا قىلىنىدۇ.

چاشى مەنزىرە رايونى

گۈزەل چاشى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىم تاغلىق رايونىدىكى كىچىك چىرغىلاڭ دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى — چاشى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان. چاشى تېغى ئورمانلىقىدا ئېگىز ئۆسكەن شەمشادلار بار. ھەر يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، ئورمانلار بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، پۈتكۈل تاغنى رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەر قاپلايدۇ، كېپىنەكلەر توپ-توپ بولۇشۇپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلىدۇ.