68 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئارتۇق! 2022- يىللىق ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى خىراجەت خامچوتى چۈشۈرۈلدى

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۈگۈن (5- ئاينىڭ 16- كۈنى) ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2022- يىللىق ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى خىراجەت خامچوتىدىن 68 مىليارد 800 مىليون يۈەننى چۈشۈردى، بۇ خىراجەت ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپتا دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى دەرىجىگە ئايرىپ ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى بويىچە ئالاقىدار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جايلار تەۋەلىكىدىكى قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياردەم مەبلىغىنى ۋاقتىدا تولۇق ئاجرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جايلار ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياردەم بېرىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. تەۋەلىكىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، رايون، ناھىيە، مەكتەپلەر ئارا ياردەم بېرىش سانى ۋە مەبلىغىنى ئىلمىي تەقسىم قىلىش كېرەك، ئاددىي ھالدا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»كە بولمايدۇ.

جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا 1- يىللىقنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم، ئەسلىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش پۇلى ۋە پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغان قىلىپ بىۋاسىتە بېكىتىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ياكى نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە، ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بەلگىلىمە بويىچە، 2020- يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ئەلنەغمە ئورۇنلاش كەسپى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە رەسمىي ئوقۇش تەۋەلىكى 1-، 2-، 3- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتىكى ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئەلنەغمە ئورۇنلاش كەسپىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش ياردەم پۇلىنى، مەركەز مالىيەسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6000 يۈەن ھېسابلاش ئۆلچىمى بويىچە يەرلىك بىلەن دەرىجە ۋە نىسبەت بويىچە تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىي كەچۈرۈم قىلىنغان ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ باھا، مالىيە مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەركەز مالىيەسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەن ھېسابلاش ئۆلچىمى بويىچە يەرلىك بىلەن دەرىجە ۋە نىسبەت بويىچە تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ، يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن دەرىجە بويىچە ياردەم بېرىدۇ.

جايلار ئالاقىدار باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئادەم سانى ۋە خامچوتىنى ئۆز تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ۋاقتىدا چۈشۈرۈشى كېرەك. جايلار تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى سانىنى تەقسىم قىلغاندا، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالىي مەكتەپلەر، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، گېئولوگىيە، قېزىلما بايلىق، نېفىت، يادرو قاتارلىق پەن كەسىپلىرىنى ئاساس قىلغان ئالىي مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق مايىللىشىشى كېرەك؛ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سانىنى تەقسىم قىلغاندا، مىللىي ئالىي مەكتەپلەر، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇ، گېئولوگىيە، كان مەھسۇلاتلىرى، نېفىت، يادرو پەن كەسىپلىرىنى ئاساس قىلغان ئالىي مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق مايىللىشىشى كېرەك.

ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ئالاقىدار باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باھالاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللىشى، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدىغان ئادەم سانىنى خالىغانچە كۆپەيتىۋەتمەسلىكى ۋە ئازايتماسلىقى، كۆرسەتكۈچنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆلەت مۇكاپاتى، ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تەقسىم قىلغاندا، دۆلەت نۇقتىلىق قوللايدىغان پەن، كەسىپلەرگە مايىللىشىشى كېرەك؛ ئاسپىرانتلارنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تەقسىم قىلغاندا، ئاساسىي پەنلەر ۋە دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان پەن (كەسىپ) لەرگە مايىللىشىشى، جىددىي ئېھتىياجلىق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارغا مۇۋاپىق مايىللىشىشى كېرەك.

ھەرقايسى ئۆلكىلىك مائارىپ، مالىيە تارماقلىرى يوللىغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسلانغاندا، 2022- يىلى مەركەز مالىيەسى 2019- يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە، 2020- يىلى ۋە 2021- يىلى پۈتۈن يىلدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن يىللىق ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئېنىقلىدى. ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مالىيە، مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر سىياسەت- بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ بېرىشى، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلىشى، ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش مەبلىغى مالىيەدىن ئالىي مەكتەپلەرگە ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر ئالغان ئوقۇش پۇلىنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ كەچۈرۈم قىلىنغان ئوقۇش پۇلىغا قارىتا، ئالىي مەكتەپلەر مالىيەدىن ئاجرىتىلغان پۇلنى مەكتەپ خامچوتىغا كىرگۈزۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇپ ئىشلىتىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك مالىيە، مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىقتىسادىي تەپتىش، مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىدار ياردەم سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ۋە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى مەسئۇلىيىتى بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، ساختا كىرگۈزۈش، ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى