بۇ ئالاھىدە مۇزېيلار بىلەن تونۇشۇۋېلىڭ

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

بەشىنچى ئايدا، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى

ئەگەر سىزمۇ سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولسىڭىز

ئۇنداقتا... مۇزېيغا بارايلى!

«ئادەتتىن تاشقىرى مۇنەۋۋەر دەرىجىلىك» ئۇنىۋېرسال سەنئىتى «دۆلەت خەزىنىسى» «ئەگەر دۆلەت گۆھىرى سۆزلىيەلىگەن بولسا»

بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدە مۇزېيلارنى كۆرۈش ئارزۇسىنى قوزغىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا بۈگۈن بىز بىللە كۆرۈپ باقايلى!

شىنجاڭ گۇەنيى ھاراق زاۋۇتى غەربىي يۇرت ئۈزۈم ھارىقى مەدەنىيەت مۇزېيى

بۇ يەردە ساقلانغان بۇيۇملار مول بولۇپ، ھاراق ئېچىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىدىش- قاچىلارلا ئەمەس، ماجيا خۇمدىنىنىڭ رەڭلىك كومزىكى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىروران قىزىل ساپال لوڭقىسى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جىجۇ خۇمدىنى، ياۋجۇ خۇمدىنى قاتارلىق جايلاردا ياسالغان چەينەك بار. 1:1 نىسبەتتە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھاراق ئېچىتىش مەنزىرىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تاماشىبىنلارغا بىۋاسىتە كۆرۈش تۇيغۇسى بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ.

ئالتاي تېغى جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى مۇزېيى

پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر يالغۇز تۈرى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى مۇزېيى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەردە 500 پارچىدىن ئارتۇق نەپىس دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك رەسىمى، 400 پارچىدىن ئارتۇق مومدىن ياسالغان ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى، 120 بوتۇلكىغا چىلانغان ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى ۋە 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەمەلىي نەرسە ئەۋرىشكىسى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكيار خاتىرە سارىيى

گۈزەل كۆكيار خاتىرە سارىيىدا سۈرەت بىلەن يېزىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئەمەلىي نەرسىلەرنى كۆرگەزمە قىلىش، نۇر ئارقىلىق قايتا نامايان قىلىش، تەقلىد قىلىش، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇرت- ماكانىنى كۆكەرتىشتىكى جاپالىق كۈرەش مۇساپىسى نامايان قىلىنغان.

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى شىنزۇ مۇزېيى

بايىنغولىن ئوبلاستى شىنزۇ مۇزېيىدا 2000 كىۋادرات مېتىرلىق ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە زالى بار بولۇپ، قىزىل مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، «جۇڭگودىن ماۋ زېدۇڭ چىقتى»، «ئۆتكەن يىللار»، «مەڭگۈلۈك ئابىدە»، «ئىنقىلابىي قىزىل ئېمال ئىدىش سارىيى»، «قىزىل يىللاردىكى چىنە چەينەك سارىيى»، «بالىلار رەسىم، كىتاب كۆرگەزمىسى» قاتارلىق سەككىز كۆرگەزمە سارىيىغا ئايرىلغان، 10 مىڭدىن ئارتۇق ساقلانما بۇيۇم ئارقىلىق قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان.

چۆچەكتىكى ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيى

چۆچەك شەھىرى «ئاككوردىيون شەھىرى» دەپ ئاتالغان، چۆچەك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيىدا جۇڭگو، رۇسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ 900دىن ئارتۇق ئوخشىمىغان ماركىدىكى ئاككوردىيونى ساقلانغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ مۇزېيدىكى ئەڭ قەدىمىي ئاككوردىيون قولدا ياسالغان، ئۇ 160 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، تامامەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى دەرىجىسىدىكى ئاككوردىيون ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ شىمال سەمەندەرى سارىيى

شىنجاڭ شىمال سەمەندىرى ھازىر شىنجاڭدا ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر قۇيرۇقلۇق قوش ماكانلىق ھايۋان، ئۇلار دىنازاۋۇرلار بىلەن ئوخشاش بىر تەرەققىيات دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 320 مىليون يىل ئىلگىرىكى قەدىمكى ئەتىۋارلىق ھايۋان. بۇنداق «تىرىك تاشقاتما» ناھايىتى يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، پەقەت ئارشاڭ ناھىيەسى ئەتراپىدىلا كۆرگىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ تىرىك ھاشارات مۇزېيى

غەربىي شىمال رايونىدىكى تۇنجى تىرىك ھاشارات مۇزېيى بولۇپ، مۇزېيدا 1000 خىلدىن ئارتۇق، 10 مىڭدىن ئارتۇق ھاشارات بار، سىز كۆرۈپ باققان، كۆرۈپ باقمىغان ھاشاراتنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە بار بولۇپ، ئۇلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپلا قالماي، يەنە كەسپىي خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلايسىز، پۈتۈن دۇنيادىن كەلتۈرۈلگەن ھاشاراتلارنى بىر قېتىم تولۇق كۆرەلەيسىز.

چىرا ناھىيەسىدىكى قىزىل كۆرگەزمە سارىيى

بۇ سارايدا ئاساسلىقى ماۋجۇشىنىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى جۇشى سۈرەتلىك ئىزناكلىرى، رەسىملىرى، كىتاب قاتارلىق كۈندىلىك بۇيۇملار ھەم تىزما ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان. سارايدا ساقلانغان بارلىق بۇيۇملارنى چىرا ناھىيەلىك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى يولداش ئەنۋەرجان ئىسمايىل 30 نەچچە يىلدىن بۇيان يىغىپ كەلگەن بولۇپ، تۈرلۈك كۆرگەزمە بۇيۇملىرىغا دەۋرنىڭ تامغىسى بېسىلغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدىكى مايتاغ- كۇچا تاشيولى مۇزېيى

مايتاغ- كۇچا تاشيولى مۇزېيى 500دىن ئارتۇق ئەمەلىي نەرسە، 500 پارچىغا يېقىن سۈرەت قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە تۈرى ئارقىلىق، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ ياسىلىش تارىخى ۋە يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر، تەبىئىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشنى پۈتۈن مەنزىرە شەكلىدە نامايان قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تاشيول نامى بىلەن ئاتالغان بىردىنبىر مۇزېي ھېسابلىنىدۇ.

قاراماي شەھىرىدىكى قىزغۇچ قوڭۇر ساپال توپىسى بۇيۇملىرى مۇزېيى

شىنجاڭدىكى تۇنجى قىزغۇچ قوڭۇر ساپال توپىسى بۇيۇملىرى مۇزېيى بولۇپ، تەتقىق قىلىش، ياساش ھەمدە يىغىپ ساقلاش ئارقىلىق نۇرغۇن قىزغۇچ قوڭۇر ساپال توپا بۇيۇمى يىغىپ ساقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 300دىن ئارتۇقى كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە قىزغۇچ قوڭۇر ساپال توپىسى بۇيۇملىرىنى ھېس قىلىش رايونى قاراماي قىزغۇچ قوڭۇر ساپال توپىسى بۇيۇملىرى مۇزېيىنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، سىزگە جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

قورغاس ناھىيەسىدىكى ئۈستىقۇددۇس مۇزېيى

قورغاس ناھىيەسىدىكى ئۈستىقۇددۇس مۇزېيى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئۈستىقۇددۇس باش تېمىلىق مۇزېي بولۇپ، باش تېما سارىيى، جەۋھەر ماي سارىيى، ئەۋرىشكە سارىيى، مەدەنىيەت سارىيىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ماي مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن 81 خىل تەبىئىي ئۆسۈملۈك مېيى، 11 خىل ئاساسىي ماي قويۇلغان.

100 يىللىق قەشقەر سارىيى

100 يىللىق تارىخقا ئىگە قەشقەر سارىيى قاپارتما نەقىش، موم ھەيكەل، كۆرۈنۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۈرەت، سىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قەشقەرنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش تارىخىي مۇساپىسىنى جانلىق، ئوبرازلىق نامايان قىلىپ، ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن بۇيانقى قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قىياپىتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئۆزگىرىپ، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە يەتكەنلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىنىڭ گۇۋاھ نۇقتىسى.

پايدىلانغان مەنبە: «شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋېيشىن سالونى