ساياھەت كۈنىدە شىنجاڭ 902 تۈرلۈك مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ

日期:2022年05月16日
来源:天山网
【字体:

284 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرى ئەمەلىي قىممەت يارىتىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى 12 ـ قېتىملىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»، بۇ كۈنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلار 902 تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتى، 284 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن.

بۇ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نىڭ باش تېمىسى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، گۈزەل سەپەردىن ھۇزۇرلىنىش». شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى − بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى قوزغىتىش مۇراسىمى، مېھمانلار ھېس قىلىش ساياھىتى، «شىنجاڭنى سۆيۈش . يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» 10 مىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تىيانشاننى ساياھەت قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، جۇڭگو شىنجاڭ 14 ـ نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول مارافون مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. تور سىرتىدا ساياھەتنى ھېس قىلىش، توردا تور بىلەن تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئاساسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى جۇڭگو . شىنجاڭ نارات ئوتلاق مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى، 2022 ـ يىل ئىلى . خەلقئارا ساياھەت جىلغىسى قورغاس 11 ـ نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس خەلقئارا ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، «مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش» بويىچە ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى ئومۇمىي خەلق دوۋيىن مۇسابىقىسى، ئەنئەنىۋى نۇسخا چۈشۈرۈش مەدەنىيەت ـ سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى 16 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ تارباغاتاي چاغانتوقاي تاغ گۈلى بايرىمى، يايلاق مۇزىكا بايرىمى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى ھەقسىز كىرىش، باھاسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى. 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويىدۇ، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋۇجېن بازىرى 100 يۈەن ئېتىبارلىق ياتاق بېلىتى تارقىتىدۇ؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى 68 مەنزىرە رايونى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى، قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونىدىكى توققۇز جايدىكى A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، پەيزاۋات ناھىيەسى توغراق ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى ۋە ئورمان ساياھەت ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلاردا كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ساياھەت كوپىراتىپلىرىمۇ يۈرۈشلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدۇ. قاراماي شەھىرىدىكى شىنجاڭ توفېڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى «شىمالغا قاراپ مېڭىش» جېمىنەي − قاناس ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان تۆت كۈنلۈك ساياھەت، «جەنۇبقا قاراپ مېڭىش» G219 تاشيولى − تۆرجايلاۋ ئوتلىقى − قاراجون − مايتاغ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان بەش كۈنلۈك ساياھەتتە %10 ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويدى ھەم شىنجاڭ ئىچى ساياھىتى، دۆلەت ئىچى ساياھىتى پۇل بېلىتى تارقاتتى.