5- ئايدا ئاقسۇ شەھىرى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن ساياھەتچى بەس- بەستە يېڭىلىقنى سىناپ بېقىشقا ئىنتىلىپ، تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈش سېزىمىدىن ھۇزۇرلاندى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تيەنيى ئاۋىياتسىيە بازىسىدىن يولغا چىققاندا، ساياھەتچىلەر خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىشنى ھېس قىلىپ، ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ، ئېگىز قۇملۇق، ئۇزۇن دەريا، قارلىق تاغ، مۇزلۇق، ئوتلاق، ئېدىرلىق، جىلغا، كېۋەزلىك، ئورمانلىقلارنى تاماشا قىلدى. تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ۋە قاتناش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، رايون ساياھەت- مەدەنىيەت كەيپىياتى ۋە ئادەم ھىدىنى ئاشۇرۇپ، ئاقسۇنىڭ «قاتناش + ساياھەت» يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
پايدىلانغان مەنبە: ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ بىڭبىڭ، جى ئەيشېڭ