دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى كەلدى، قانداق ئۆتكۈزەي دەيسىز؟

日期:2022年05月13日
来源:天山网
【字体:

 دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كەلدى!

6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ!

   دەم ئېلىش كۈنلىرىڭىزدە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز بار؟

   ساياھەت ئاۋاتلىشىدىغان بۇ پەسىلدە شىنجاڭدىكى گۈزەل مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ، كۆزىڭىزنى، قەلبىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلىش بىر ياخشى تاللاش. تۆۋەندىكى قىسمەن مەنزىرە نۇقتىلىرىمۇ بەلكىم سىزنىڭ ئالدىن تاللىشىڭىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىشمۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى راھەت بىر ئىش. خالىغان يەردە توختاپ، خالىغان مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى كىممۇ خالىمىسۇن؟! (بىراق، بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، پىيادىلەر يولى دېگەندەك يەرلەردە توختاپ يۈرمەڭ، نومۇرىڭىز ئۆزىڭىزدە قالسۇن) ئۆزىڭىز ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىڭىز شىنجاڭ غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى، مايتاغ-كۇچا تاشيولى لىنىيەسىنى ئويلىشىپ قويۇڭ، قەدەمدە بىر مەنزىرە، دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. يەنە كېلىپ، يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىدىن جەمئىي ئونى قىزىق نۇقتا بولدى، شىنجاڭ غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى، مايتاغ-كۇچا تاشيولى گەرچە بۇ يىلدىكى قاتناش باشلىنىدىغان پەسىلگە كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قىزىق نۇقتىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7-، 9- ئورۇنغا چىقىپ، ئۆزى ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لىنىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى

 مايتاغ-كۇچا تاشيولى

   يۇقارقىلاردىن باشقا، كەڭ كەتكەن يايلاقلار، بەھەيۋەت تاغلار، زۇمرەتتەك كۆللەردىمۇ ساياھەتنىڭ راسا ئوبدان ۋاقتى كەلدى. جاۋېر تېغى يايلىقى، سايرام كۆلى قاتارلىقلارمۇ سىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ.

شىنجاڭ جاۋېر تېغى يايلىقى

   شىنجاڭدا گۈزەل جايلار ناھايىتى كۆپ، قارلىق تاغ، زۇمرەت كۆل، گۈل دېڭىزى كۆز ئالدىڭىزدا بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېتىدۇ. يېقىندىن يىراققا سوزۇلۇپ كەتكەن، رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل مەنزىرىلىك جايلاردىن ئايرىلغۇڭىز كەلمەي قالىدۇ. بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، 2022-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا خۇشال، گۈزەل كىرىپ كېتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.