يېرىمى گۈل دېڭىزى، يېرىمى ئېگىز تاغ، 4-ئاينىڭ ئەڭ ياخشى سوۋغىسى−شوتا

日期:2022年05月06日
来源:天山网
【字体:

يېرىمى گۈل دېڭىزى، يېرىمى ئېگىز تاغ،4-ئاينىڭ ئەڭ ياخشى سوۋغىسى−شوتا

4-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى موڭغۇلكۈرە يامغۇر پەسلىنى كۈتۈۋالدى

پات-پات سىم-سىم يامغۇر يېغىپ تۇراتتى

دەل مۇشۇنداق تۇمانلىق ھاۋادا

مەنزىرىسى ئويلىغاندىنمۇ گۈزەلبولۇپ كېتەتتى

تۇتۇق ھاۋاشوتانىڭ گۈزەللىكىنى توسۇۋالدى دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق

گۈزەللىكنى كۆزەتكۈدەك ئىقتىدارىڭىز بولسىلا

ھەممە يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز

ھەممىسى ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر

بۇلۇت توپى تاغ تىزمىلىرى ئۈستىدە لەيلەپ يۈرۈپ

كۆچۈپ يۈرگەنكۈل رەڭ ئاسمان پەردىسىنى ھاسىل قىلاتتى

ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ

ساپ، سىرلىق ئىدى

يامغۇرلۇق ھاۋا تۇتۇق ھەم سىرلىق بولۇپ

ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرلار يوق

بارلىق مەۋجۇداتكۈل رەڭ دۇنيادا يېقىشلىق كۆرۈنەتتى

ئاستا، يېنىك قەدەملەر

ئىرغاڭلاپ تۇرغان ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتتى

تاغ ئېتىكىدىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن كونا ياغاچ ئۆيدىن ئۆتتى

ھەممىسى چۈشلەردىكىدەكلا

ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭغاندا

شىلدىرلاپ يېغىۋاتقانيامغۇر ئېلىپ كەلگەن ساپ ھاۋا دىماغقا ئۇرۇلاتتى

تاغ سۈيى تاشلارنى يالاپ ئاقاتتى

فوتو ئاپپاراتنى توغرىلاپسەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەندە

تۇمان كەبى ئېقىن سۇنىڭ مەنزىرىسىگەئېرىشىسىز

شوتا مەنزىرە رايونىدىن چىقىپ

يايلاقتىكى ياۋا كۈركۈمگۈلنىئىزدەپ ماڭغاندا

چۆرگىلەپ يۈرۈپ

يامغۇردا ئىرغاڭلاپ تۇرغانگۈللەرنى بايقايسىز

سوغۇق شامالدا ھاياتىي كۈچ ۋە سېھرىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ

0

تەبىئەت بەزىدە تۇتۇق، بەزىدە ئوچۇق

كۆڭۈلدە شېئىر بولساھەممە يەر مەنزىرە

ياپيېشىل شوتا ئاستا-ئاستا ئويغانماقتا

تۇتۇق ھاۋادىكى ئۆزگىچە گۈزەللىكنى كۆرگەندىن كېيىن

يازدا شوتاغا كېلىشكە تېخىمۇ تەقەززا بولدىڭىزمۇ؟

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى