چوڭ تىپتىكى تارىخىي تېمىدىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن» جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ رەسمىي ئوينالدى

日期:2022年04月26日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يىن لۇ) چوڭ تىپتىكى تارىخىي تېمىدىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن» 4- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسىدا جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ رەسمىي ئوينالدى.

«جاڭ چيەن» جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ رەسمىي ئوينالدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

«جاڭ چيەن»نى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئىجاد قىلىشقا تەشكىللىگەن، تىياتىردا جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىش جەريانى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، تۆت پەردىلىك سەھىپە «تەمتەك بېرىش»، «پاك نامىنى ساقلاش»، «يول يۈرۈش ھۆججىتى»، «ئەلچى» ئارقىلىق بۇ «يول ئېچىش سەپىرى» قالتىس نامايان قىلىنىپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى شەھەر بەگلىكلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ تارىخىي مەنزىرىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، تىياتىر ھەيۋەتلىك، ھاياجانلىق، دولقۇنسىمان ئوينالدى.

«جاڭ چيەن» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ ئىجاد قىلىنىپ رېپېتىتسىيە قىلىنغىنىغا تۆت يىلدىن ئاشتى، بۇنىڭغا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن سەھنە سەنئەتكارىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن. باش رېژىسسورلىقنى دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك رېژىسسور شىڭ شىمياۋ بىلەن گاۋ شەن ئۈستىگە ئالغان، ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، ئۇلار شىنجاڭدىكى نۇرغۇن نۇقتىلىق تېمىدىكى نادىر سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، رېژىسسورلۇق قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان. دۆلەت ئىچىدىكى ياش ئۇسسۇلچى جاۋ جيايى، سۈن چيۇيۆ ھەم شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى ماھىرە ئەمەتجان قاتارلىقلار تىياتىردا باش رول ئالغان.

  «جاڭ چيەن» جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ رەسمىي ئوينالدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

ئىجادىيەت ئۆمىكى تارىخىي پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، روشەن ئاساسىي تېما، مەزمۇن، مول ئىپادىلەش شەكلى، كۆپ مەنبەلىك ئۇسسۇل لايىھەسى ئارقىلىق، زامانىۋى پۇرىقى قويۇق ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى ئىجاد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھېسسىياتى مول، ئەقىل- پاراسەتكە تولغان، ساداقەتمەن، قەيسەر تارىخىي شەخس جاڭ چيەن ئوبرازىنى قايتا يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجادىي ئۇسسۇللۇق تىياتىرىدا يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى.

رەسمىي ئوينالغان نەق مەيداندا تاماشىبىنلارنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇسسۇل لايىھەسىدە غەيرىي شەكىللىك سەھنە ئىجادىي قوللىنىلغان، بۇ تەكشىلىك، يايسىمان شەكىل، يانتۇلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلىنالايدۇ، يانتۇلۇق بىلەن تەكشىلىكتە يەنە يۈگۈرتكۈچ بار، تىياتىر ۋەقەلىكىدە جاڭ چيەن ۋە غەربكە يۈرۈش قوشۇنىنىڭ ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك چوققىلاردا، قۇملۇق، چۆللەردە ماڭغانلىقىدەك تارىخىي مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشقان.

«ئۇسسۇللۇق تىياتىر <جاڭ چيەن> شىنجاڭنىڭ سەھنە نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىش سەۋىيەسىنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ تارىخىي شەخسلەر ۋە ۋەقەلەرنى زامانىۋى سەھنە سەنئىتىگە سىڭدۈرۈپ، نادىر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنىڭ تىپىك ئۈلگىسىگە ئايلاندى.» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭ مۇنداق دېدى: «جاڭ چيەن»نى ئىجاد قىلىش، رېپېتىتسىيە قىلىش، رەسمىي ئويناش ــــ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتىكى ماھىيەتلىك تەدبىر.

ئىگىلىنىشىچە، «جاڭ چيەن»نىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ رەسمىي ئوينىلىدىغان ۋاقتى 4- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.