بۇ بىر مەنزىرە رايونى
لېكىن پەقەت مەنزىرە رايونى بولۇپلا قالماي
سودا شەھەرچىسىگە، خاس كوچا رايونىغا تېخىمۇ بەكرەكئوخشايدۇ
بۇ يەردە نۇرغۇن دۇكانلار
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار
قىزغىن، شادىيانە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى
ساناپ تۈگەتكۈسىز شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرى بار
...
ئۇنىڭ ئۈستىگە
بىر قېتىم كەلسىڭىزلا
بۇ جاينىڭ قانچىلىك پەيزىلىكىنى بىلەلەيسىز
بۈگۈن سىزنى بۇلۇتتا شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىئايلاندۇراي
ساياھەتكە چىققاندا ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگەسوۋغائالماقچى بولسىڭىز، ئىككىلەنمەيلا چوڭ بازاردىنسېتىۋېلىڭ،پارقىراقزىننەت بۇيۇملار، نەپىس ئىشلەنگەن مىللىيىچە نەقىشلىك سومكىلار، جانلىق كۆرۈنىدىغان خېمىر ھەيكەل قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، ئىستېرېئولۇق نەقىشلىك شىنجاڭ ئېلېمېنتلىرىغا ئىگە توڭلاتقۇ چاپلاقلىرى، ئەجەبابۇلارنىڭ بىرىنىمۇ سېتىۋالغىڭىز يوقمۇ؟
جەزمەن كۆرۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر خەزىنە دۇكىنى بار! بۇ گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالدىمۇ ~ بۇ يەردىكى بارلىق ئائىلە بۇيۇملىرى قولدا ياسالغان. گۈل نۇسخىلىرى ئۆسۈملۈكلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، رەڭلىرى چىرايلىق. بۇ يەردە سېتىۋالغىنىڭىز تاۋارلا بولماستىن، بەلكى ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت.
كېيىنكى بېكەت، قىزلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان بۇيۇملار~ مەيلى ئاددىي قاشتېشى مارجان بولسۇنياكى ھەر خىل نەپىس كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەر بولسۇنۋە ياكى چىرايلىق بىلەيزۈك، تۈرلىرى كۆپ يىپەك ياغلىقلار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزنى يۇمۇپلا سېتىۋالىدىغان مۇقىمباھالىق بۇيۇملار ~مىللەتلەرئۆرپ-ئادىتىئالاھىدىلىكىگەئىگە بۇ زىننەت بۇيۇملىرىچىرايلىق ھەم كۆركەم بولۇپ، تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.
قورساققا ئامراقلار ياخشى كۆرىدىغان قىسمىغا كەلدۇق. چوڭ بازاردىكى قۇرۇق مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تۈرى تولۇق، سۈپىتى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق. سىز «كىشمىشنىڭدادىسى»نى يەمسىز ياكى «كىشمىشنىڭ بوۋىسى»نىمۇۋە ياكى «كىشمىشنىڭ مومىسى»نىمۇ؟ ھەممىسى بار! سىز تۆگە شەكىللىكسۈت تابلىتكىسى يەمسىز ياكى قوينىڭ سۈرىتى بېسىلغاننىمۇۋە ياكى كالا سۈرىتى بېسىلغاننىمۇ؟ ھەممىسى بار!
تېخى تۈگىمىگەندەك ھېس قىلىۋاتامسىز؟
ئۇنداقتا تېزدىن ساياھەت قىلىڭ!
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى