شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى — كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان جاي

日期:2022年04月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش بۇ باھاردىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئايلانسىڭىز، چوقۇم مەلۇم پەيت، مەلۇم جايلىرىدا قەلبىڭىز ھاياجانغا تولىدۇ.

مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي شەھەر ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، يەنە قەشقەرلىكلەرمۇ پات-پات بېرىپ جەزمەن كۆرىدىغان جاي بولۇپ قالدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

قەشقەر—گۈزەل شەھەر

ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدىكى شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى سىزنىقىزغىنلىققا تولغان ناخشا-ئۇسسۇللار ئىچىدە بىر قېتىملىق رومانتىك ساياھەتكە ئاتلاندۇرىدۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىشمۇراسىمى

ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، قىزىل خىش ياتقۇزۇلغانيولنى بويلاپ مېڭىپ ياكى ساياھەت ئاپتوموبىلىغائولتۇرۇپ قەدىمىي شەھەرگە كىرسىڭىز، گىرەلىشىپ كەتكەن تار كوچىلارنى ئارىلاپبەخىرامان ئايلىنالايسىز. قاشتېشى بازىرى، مىسكەرچىلىك بازىرى، دوپپا بازىرى... ئۆزگىچە مەنزىرىلەردىن كۆزىڭىزنى ئۈزەلمەيلا قالىسىز.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

يۈز يىللىق چايخانا يېنىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان غەربىي يۇرت مەلىكىسىنىڭ لايىق تاللاش مۇراسىمىنىمۇ كۆرمەيبولمايدۇ.تۆگە كولدۇرمىسىنىڭ ئاۋازىبىلەن بىللە، ئۇچىسىغا مىللىيچە كۆڭلەك، بېشىغا پەيدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى تاقىغان لايىق تاللاش سېپى يېتىپ كەلدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوت پۈركۈش ماھارىتى،قاينام-تاشقىنلىققا تولغانمەلىكىنىڭ لايىق تاللاش مۇراسىمى،سېپىل راۋىقىدىكى مەلىكىنىڭ لاتاپەتلىك تۇرقى پەستىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قىزغىن چاۋاك ئاۋازلىرى ياڭراپ تۇرىدۇ.

غەربىي يۇرت مەلىكىسىنىڭ لايىق تاللاش مۇراسىمى

غەربىي يۇرت مەلىكىسىنىڭ لايىق تاللاش مۇراسىمى

غەربىي يۇرت مەلىكىسىنىڭ لايىق تاللاش مۇراسىمى

قەشقەرگۈزەل ئائىلىۋى مېھمانخاناكوچىسى

ئىككى مۇراسىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ھېرىپ كەتسىڭىز، يېقىن ئەتراپتا بىر ياخشى جايباغچى كوچىسىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا كوچىسى بار. ئىچىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ بېزىلىشئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، مەيلى سىز قايسى ئائىلىگە كىرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ھەقسىز سۈرەتكە تارتالايسىز ياكى ئارام ئالالايسىز، «گۈلى»لەرنىڭ ھەممىسى قىزىق چاي قويۇپ، مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى باغچى كوچىسىدىكىئائىلىۋى مېھمانخانا كوچىسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى باغچى كوچىسىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا كوچىسى

ئائىلىۋى مېھمانخانا سىرتىدىكى تار كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا تەشتەك-تەشتەك گۈللەر، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر تىزىلغان بولۇپ، سۆگەت شېخىدىن ياسالغان چىۋىق ئورۇندۇق، ئىلەڭگۈچ بار، خالىغانچە بىر سۈرەتكە تارتسىڭىزلا بىر ئاتكرىتكا ھاسىل بولىدۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى باغچى كوچىسى ئائىلىۋى مېھمانخانا كوچىسىدىكى مۇسې ئائىلىۋى مېھمانخانىسى.

ۋاڭ ۋېي فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى باغچى كوچىسى ئائىلىۋى مېھمانخانا كوچىسىدىكى مۇسې پۇقراۋى قونالغۇسى

ۋاڭ ۋېي فوتوسى

بۇ قەدىمىي شەھەردە گەرچە كوچىلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسىسىنىڭ پەرقى بار، بىر كۈن ئايلانسىڭىزمۇ، ھەرگىز تەكرارلانمايدۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىكوچىسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى كوچىسى

بۇ جەزمەن كۆرۈشكە تېگىشلىك توردا ئالقىشلانغان جاي «قەشقەر .تەسىرات» كوچىسىغا تەۋە. بۇ يەرگە ئائىلىۋى مېھمانخانا، قاۋاقخانا، چايخانا، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى، خاس ئۇششاق يېمەكلىكلەر توپلانغان بولۇپ، قويۇق خەلق ئۆرپ-ئادەت مەنزىرىسى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان، كىشىگە ئۇزاق دەۋرتۇيغۇسى ۋە تېز رىتىمدىكى زامانىۋىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى تەسىراتى كوچىسى— جيۇلۇڭچۈەن ئۆزگىچە سودا كوچىسى

قەشقەرسېنى ناھايىتى تېزلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

ئېسىل نومۇرلارنى كۆرۈش، كاتتا زىياپەتتىن بەھرىمەن بولۇش، ھەر خىل قاشتېشىدىن ھۇزۇرلىنىش، خەلق ئارىسى قول ھۈنەرلىرىنى كۆرۈش، ئاۋات بازارنى ئايلىنىش... قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، سىز ئۆيىنىڭ يېنىدا موخۇركاچېكىۋاتقان بوۋاي، كوچىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشىپ ئوينىشىۋاتقان بالىلار، لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مۈگدەپ قالغان ئائىلىۋى مېھمانخانا ئىگىسىگە قارىغىنىڭىزدا... ھەممە نەرسە ئاستىلاپ كەتكەندەك قىلاتتى، بۇ ئىچكى دۇنياسى جىمجىتلىققا چۆككەندىن كېيىنكى گۈزەللىك كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە سىزدەك ئالدىراش مەركىزىي شەھەردىكى تۇرمۇش رىتىمى تېز كىشىلەرنىڭ قەلبىگەتەسىر قىلىدۇ، شۇڭا، ناھايىتى تېزلا قەشقەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، بىر شەھەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش بەلكىم بىر ئادەمنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمەلىيەتتە قەشقەردىن ئىبارەت بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىكى تېخىمۇ كۆپ سەۋەب بەلكىم بىر جانلىق مەنزىرە، بىر چىرايلىق گۈل، بىر قەدىمىي ئاددىي ئۆي، بىر پارچە ياپيېشىل كوچا بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم پەقەت مۇشۇ شەھەرلا سەۋەب بولغانبولۇشى مۇمكىن.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

قانچە كۆرسىمۇ كۆرۈپ قانمايدىغان شەھەر

سىزنىڭ جەزمەن كېلىپ بىر كۆرۈپ كېتىشىڭىزنى كۈتىدۇ.

«جۇڭگو گېزىتى تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

چېن كې (جۇڭگو گېزىتى شىنجاڭ مۇخبىرلار پونكىتى)