ساياھەت ساھەسىدىكى دارىن | «توردا ئالقىشلانغان» مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى غالىپ: پامىر ھېكايىسىنى يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىدىن بايان قىلايلى

日期:2022年04月08日
来源:天山网
【字体:

ساياھەت ساھەسىدىكى دارىن | «توردا ئالقىشلانغان» مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى غالىپ: پامىر ھېكايىسىنى يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىدىن بايان قىلايلى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

باھار كەلدى، ئۆرۈك چېچەكلىدى، تاشقورغان ناھىيەسىگە كېلىپ ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلامدۇق؟ مەن تاشقورغان ناھىيەسىدە سىزنى ساقلايمەن. «جەلپكار پامىر» دوۋيىن نومۇرىدا ئېلان قىلىنغان قىسقا سىن فىلىم قىسقىغىنە بىر نەچچە سائەت ئىچىدە 35 مىڭ كىشىنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى.

بۇ قىسقا فىلىمنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ «توردا ئالقىشلانغان» مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى غالىپ ھاكىمخان ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ تورداشلارنىڭ قالدۇرغان سۆزلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى توپلاپ، يەنە يېڭى سىن فىلىمىنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. غالىپ بۇلتۇر 9- ئاينىڭ ئاخىرى قىسقا سىن نومۇرى ئاچقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى تورداشلاردىن كەلگەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان باھا سۆزى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوبۇل قىلدى. يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، غالىپ كوللېكتىپىنى باشلاپ ئىشلىگەن سىن نومۇرىدىكى قىسقا فىلىملارنىڭ پۈتۈن توردىكى كۆرۈلۈش مىقدارى نەچچە يۈز مىڭ قېتىمغا يەتتى.

  4- ئاينىڭ 1- كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، غالىپ ھاكىمخان قوتازغا مىنىپ قىسقا سىن ئىشلىمەكتە.

سۈرەتنى غالىپ تەمىنلىگەن.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تۇغۇلغان تاجىك يىگىت غالىپنىڭ يۇرتىغا ئىزچىل ئىنتايىن چوڭقۇر مۇھەببىتى بار. كىچىكىدىن پامىردا چوڭ بولغان غالىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كېلىشنى تاللاپ، مەدەنىيەت- ساياھەت تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.

«ئەينى چاغدا مەن ئېگىزلىككە قايتىپ، يۇرتۇمدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىگە داۋاملىق مەبلەغ سېلىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى.» دېدى غالىپ.

ساياھەتچىنىڭ كۆپلەپ كېلىشى بىلەن، شۇ جايدىكى نۇرغۇن پۇقرا «ساياھەت تامىقى» يېيەلەيدىغان بولدى. بولۇپمۇ ئەتىيازدا ئۆرۈك چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلغان مەزگىلدە، نۇرغۇن چارۋىچى دېھقانلار ئارامگاھى ۋە يايما يېيىپ 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلالايدىغان بولدى، غالىپ بۇنىڭدىن تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ ساياھەت جەھەتتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۆردى. غالىپ ياش مەدەنىيەت- ساياھەت خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى، خەلقنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى كۆرگەچ، ئېگىزلىك مەنزىرىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى مۇقىم «ساياھەت تامىقى»غا ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۇ قىسقا سىن قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ تەشۋىقاتىنىڭ ساياھەتچىلەرنى ئەڭ بىۋاسىتە جەلپ قىلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

2021- يىلى، ئۇ مەدەنىيەت- ساياھەت ئىدارىسىدىكى بىر نەچچە ياشنى تەشكىللەپ، «جەلپكار پامىر» سىن نومۇرىنى سىناپ باقتى، ۋاخان كارىدورى تونۇشتۇرۇلغان تۇنجى سىن كۆرۈنۈشى ئەمدىلا ئېلان قىلىنىشى بىلەن خېلى يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشتى.

«ئەينى چاغدا نۇرغۇن تورداش ماڭا سۆز قالدۇرۇپ، بارمىسام بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى نائۈمىدتە قويىمەن، بارمىسام ياشلىق باھارىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن، دېگەنىدى، مېنىڭچە، بىزنىڭ نىشانىمىز توغرا.» دېدى غالىپ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ياش مەدەنىيەت- ساياھەت خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنى يېتەكلەپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن پايدىلىنىپ ئوخشاش بولمىغان پامىر ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى.

غالىپنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەت- ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خەلقنى بېيىتىش ئۈچۈن بولسا، ھالبۇكى ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەن. شۇڭا، ئۇ بۇ بىر يىلدا مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى سىنغا ئېلىپ تەشۋىق قىلىشتا بولسۇن، ئېگىزلىك ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. «ئېكولوگىيە پامىرنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغدىغاندىلا، ئاندىن پۇقرالارنى ئۇزاق مۇددەت <ساياھەت تامىقى>غا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.» دېدى غالىپ.

ھازىر، غالىپ ھەر كۈنى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتىن باشقا، يەنە ھەر تەرەپكە قاتراپ سىنغا ئالىدۇ. گەرچە ناھايىتى چارچىسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بار. «مەن چارۋىچىلارنىڭ <ساياھەت تامىقى> يېگەندىن كېيىنكى خۇشال چىرايىنى، ناھىيەدىكى چوڭ- كىچىك مېھمانخانىلارنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەن تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ساياھىتى ئۈچۈن سۆز قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل پامىرنى كۆرسىتىمەن.» دېدى غالىپ چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن.

كەلگۈسىدىكى تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا قارىتا، غالىپ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر ئاچقىلى بولىدۇ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، كارامىتىمىزنى كۆرسىتىمىز، مەن تەشۋىقات ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىپ، ساياھەتچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».