ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىدا مەركەز خامچوتى ئىچىدە 367 مىليون يۈەن سېلىنما مەبلىغىگە ئېرىشتى

日期:2022年03月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىغا 2022 - يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدە 367 مىليون يۈەن سېلىنما مەبلىغى چۈشۈرۈپ، 17 تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللىغان.

بۇ تۈركۈم مەبلەغ سېلىش پىلانىدا دىققەت «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى ۋە «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىغا ئىگە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى نۇقتىلىق قۇرۇلۇپ، مەركەز سېلىنمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق، تۈرتكىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى(شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇقتىلىق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مىراس ئورۇنلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر - يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇھىم، زور ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلەرنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدە 6 مىليارد 490 مىليون يۈەن سېلىنما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى، دۆلەت نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، دۆلەت باغچىسى قاتارلىق مۇھىم تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش كۆرگەزمىسى، مۇھىم، زور ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، نۇقتىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قاتارلىق 288 تۈرنى قوللىغان.