شىنجاڭدا چېچەكتىن ھۇزۇرلىنىش ۋاقت جەدىۋىلى چىقتى، ھەر ئايدا ئوخشاش بولمىغان جايدا چېچەك سەيلىسى قىلىسىز!

日期:2019年03月28日
来源:天山网
【字体:

3- ئاينىڭ مەيىن شامىلىكوچا-كويلارنى، مەھەللىلەرنى سىيپاپ ئۆتتى، ئېتىر-ئېرىق، دەريالارنى سۆيدى، باھار مانا مۇشۇنداق يېتىپ كەلدى.

باش باھاردىن يازغىچە، جەنۇبتىن شىمالغىچە، تۇتاش ئېچىلىپ كەتكەن رەڭگارەڭ گۈللەردىن شەكىللەنگەن گۈل دېڭىزى شىنجاڭنىڭ كەڭزى زىمىنىغا باشقىچە رەڭ قوشتى.

بۇ گۈلدىن ھۇزۇرلىنىش ۋاقت جەدىۋىلىنى ياخشى ساقلاڭ!

ئۆرۈك چېچىكى

ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسى، كۆجەي بازىرى، قىزىلتاش كۆۋرىكىدىن بايتوقاي يېزىسىغىچە بولغان ئاق تېرەك جىلغىسى ئىچىدە.

چېچەك پەسلى: 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ئاخىرىغىچە.

چېچەك ھالىتى: بۇ شىنجاڭنىڭ تۇنجى باھارى، تۈمەن مو يەردىكى ئۆرۈك چېچىكى قويۇق باھار ھىدىنى ئېلىپ، پۈتۈن جاھانغا تارايدۇ. نەچچە ئاي ئۈچەككە كىرگەن قىزغىن ھايات بۇ دەقىقىدە ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئېتىز-ئېرىقلاردا بەس-بەستە ئېچىلغان رەڭگارەڭ چېچەكلەر بۇ قەدىمىي كەنىتكە باشقىچە ھۆسىن قوشىدۇ، ھەم جىمجىت ھەم گۈزەل.

نەشپۈت چېچىكى

ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى ئىچى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەر

چېچەك پەسلى: 4-ئاينىڭ باشلىرى

چېچەك ھالىتى: چىڭمىڭ بايرىمىدا، تۈمەنلىگەن نەشپۈت دەرىخى چېچەكلەپ، بەزىدە يىراققا سوزۇلغان بۇلۇتلاردەك، بەزىدە ئاپئاق قاردەك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ يەنە سۇس مېزىلىك پۇرىقى بار بولۇپ،كورلا خەلقى چېچەكلەر دۇنياسىدا سەيلە قىلىپ، ئۆيىگە قايتقۇسى كەلمەيدۇ.

 

ياۋا ئۆرۈك چېچىكى

ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىنىڭ تۈرگىن يېزىسى

چېچەك پەسلى: 4-ئاينىڭ بېشىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە

چېچەك ھالتى: بۇ جايغا كەلمىگىچە، تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا قانچىلىك مۆجىزە، قانچىلىك گۈزەل مەنزىرە ۋە بايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، ئوتتۇز مىڭ مودىن ئاشىدىغان يەردىكى ئىپتىدائىي ياۋا ئۆرۈكلىك كۈنەس دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا مەركەزلىك ھالدا تارقالغان. تەبئىي ئۆسكەن ئۆرۈكزارلىق خۇددى ھالرەڭ كۆپۈككە ئوخشاش ئوتلاقتىكى جىلغىلار ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئۆرۈكزارلىقتا ماڭغنىڭىزدا ئاۋات مەنزىرىدىن ئۆرۈكزارلىقنىڭ چېكىگە يەتكەندەك ھېس قىلىسىز، ئەمەلىيەتتە تاغنىڭ ئارقىسىدا تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرە بار.

ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى شىڭخۇا كەنتى.

چېچەك پەسلى: 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە.

چېچەك ھالىتى: داتۇڭ يېزىسى شىڭخۇا كەنتىدە يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى قار مۇزلار ئوراپ تۇرىدۇ، تاغ باغرىدا تۇرۇپلا چېچەكتىن ھوزۇرلانماڭ، جىلغىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ، قوي كالىلار بىلەن بىللە مېڭىپ، قوتانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتسىڭىز ياكى دەرەخ ئاستىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ، باھار شامىلىنىڭ ئۆرۈك چېچەكلىرىنى ئۇچۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن دەقىقىلەرنى ساقلىسىڭىز شائىرلارنىڭ گۈزەل مېسرالارنى يازغان ۋاقىتتىكى تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلالايسىز.

ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: قورغاس ناھىيەسى داشىگۇ يېزىسى

چېچەك پەسلى: 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى

چېچەك ھالىتى: داشىگۇ تېغىدىكى ياۋا ئۆرۈك دەرىخى، ياۋا گىلاس دەرىخى، ياۋا نەشپۈت دەرىخى جۇڭگودىكى ياۋا مېۋىلىك دەرەخلىرى ئىچىدە ئاز كۆرۈلىدىغان دەرەخ تۈرلىرى، بۇ يەردىكى ياۋا ئۆرۈك چېچىكى تۈرگىن يېزىسىدىكىدىن تەخمىنەن بىر ھەپتە ئەتراپىدا كىيىن ئېچىلىدۇ. ياۋا ئۆرۈك دەرىخى جىلغىنىڭ ئىچىدە ئۆسۈپ، جىلغىلار ئارىسىدىكى دەريا ئېقىنى بىلەن بىرلىشىپ، قاتار كەتكەن تاغ چوققىلىرى بىلەن گىرەلىشىپ،ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن دەريانىڭ دولقۇنلىرىنىڭ شىددەتلىكلىكىنىۋە تاغلارنىڭ ھەيۋىتىنى تېخىمۇ يارقىن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى نەملىك ۋە ئىللىق ھاۋادا بۇ جايدىكى چېچەكلەرنىڭ بەرگىگە داۋاملىق شەبنەم قونۇپ تۇرىدۇ.«سىم-سىم يامغۇر ھۆل قىلالماس كىيىمىمنى، ئۈرۈك گۈلىدە مەرۋايىتتەك ئۇز كۆرىنەر، مەيىن شامال توڭدۇرالماس يۈزلىرىمنى، نازۇك شاخلار ئەگىشىپلائۇسسۇلغا چۈشەر،» دىگەن مىسرالاردا تەسۋىرلەنگىنىدەل مۇشۇ مەنزىرىمىدۇ؟

 

شاپتۇل چېچىكى ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: بىڭتۈەن 8-شىسى 143 تۈەن تاۋيۈەن ساياھەت رايونى چېچەك پەسلى: 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە چېچەك ھالىتى:143-تۈەن چېچەك پەسلىدە«شاپتۇل چېچىكى ئارىلى»غا ئايلىنىدۇ، بۇ چېچەكزارلىقتا ساياھەت قىلسىڭىز، چېچەكلەرنىڭ ئەكس نۇرى يۈزىڭىزگەچۈشۈپ، يۈزىڭىز خۇددى شاپتۇل چېچىكىدەك قىزىل كۆرۈنىدۇ، سىز :«ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ نازۇك چېچەكلەر شىرىن تەملىك شاپتۇللارغا ئايلىنىدۇ،» دەپ خىيال قىلغاچشاپتۇل چېچىكىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز

كۈركۈم گۈلى

ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: بىڭتۈەن 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرى چىڭگېداخۇ مەنزىرە رايونى

چېچەك پەسلى: 5-ئاينىڭ باشلىرى

چېچەك ھالىتى: كۈركۈمگۈلى ۋۇجياچۈدىكى چېڭگېداخۇ كۆلى ئەتراپىدا ئېچىلىدۇ، ئون نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، بۇ يەردە 20 نەچچە خىل كۈركۈمگۈلى يېتىشتۈرۈلدى.

 

ئەتىرگۈل ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: خوتەن شەھىرى ئەتىرگۈل باغچىسى گۈل پەسلى: 5-ئاينىڭ باشلىرى گۈل ھالىتى: خوتەندە ئەتىرگۈل تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا ئۆسىدۇ، كۈن نۇرى ۋە قۇملۇقنىڭ تاۋلىشى، كۇئىنلون تېغىدىكى قار سۇلىرىنىڭ سۇغىرىشى بىلەن بۇ يەردە بىر پارچە يېشىللىق پەيدا بولدى، ئەتىرگۈل تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەملەرگە قىممەتلىك يىمەكلىك ۋە كۆپ مەنبەلىك ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلمەكتە.

 

ئۈستىقۇددۇس ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى چىڭسىخوزا بازىرى گۈل پەسلى: 6-ئاينىڭ بېشىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە گۈل ھالىتى: ئۈستىقۇددۇس ئېتىزىغا يېقىنلاشماي تۇرۇپلا، ئۈستىقۇددۇس گۈلىنىڭخۇشپۇرىقىدىن مەستخۇش بولىسىز، چەكسىز كەتكەن سۆسۈن رەڭ قىزلارغا چىرايلىق كۆينەكلەرنى كىيىپ، چۈش كۆرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ يىراقتىكى پىروۋېنسقا ئۇچۇپ بېرىش ھاجەتسىز، قورغاستلا فوتوگرافلار تارتقان سۈرەتتىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىنىكۆرگىلى بولىدۇ.

تاغ گۈلى

ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: نىلقا تاڭبالى ئوتلىقى، تېكەس قاراجول ئوتلىقى، چاغانتوقاي بارلىق تېشى ئوتلىقى، سايرام كۆلى ئوتلاق مەيدانى، كۈنەس ناراتيايلىقى

گۈل پەسلى: 6-ئاينىڭ بېشىدىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە

گۈل ھالىتى: ياز كېلىشنىڭ ئالدىدا، تاغ گۈلى شىنجاڭنىڭ يايلاقلىرىدا پورەكلەپ ئېچىلىدۇ. تىيانشان خوڭخۇا، فېڭلىڭساۋ، جىنچيەنخۇا، داڭسېنخۇا قاتارلىقتاغ گۈللىرى سىزنىڭ ھوزۇرلىنىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

 

يۇۋسەيخۇا

ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى

گۈل پەسلى: 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە

گۈل ھالىتى: موڭغۇلكۈرە يايلىقىدىكى تۈمەن مولۇق يۇۋسەيخۇا يول بويى ئېچىلىپ، ئېقىن سۇغا ئەگىشىپ، تاغلارغا يامىشىپ،ئوت-چۆپلەر بىلەن بىرلىشىپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن. سېرىق رەڭ بىلەن يېشىل رەڭ گىرەلىشىپ،گۈلگە ئاشىق نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.

زىسۇ ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسى پۇراقلىق زىسۇ بازىسى گۈل پەسلى: 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە گۈل ھالىتى: بۇ جۇڭگودا ئىسسىقتىن پاناھلىنىدىغان ئەڭ ياخشى جاي، شۇنداقلا تۈمەن مو يەردىكى زىسۇ پورەكلەپ ئېچىلىدىغان ياخشى ماكان، زىسۇئۈستىقۇددۇستەك پۇراقلىق ئەمەس، ئەمما ئۈستىقۇددۇستىن يۇمران، ئۇنىغا يېقىنلاشقاندا ئىللىق پۇراق دىماغقا ئۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ شېخى ئەۋرىشىم بولغاچقا،ئۇ بىر ئۇسسۇلچىغا ئوخشايدۇ، يىراقتىن قارىغاندا سۆسۈن رەڭلىق دېڭىز ئۆركەشلەۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ، ئاجايىپلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.

 

ياتما نىلۇفەر ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: باغراش كۆلى نىلۇفەر كۆلى گۈل پەسلى: 7-ئاينىڭ باشلىرى گۈل ھالىتى: «گۈلچى قىزنىڭ كۆينىكى ياپراقبىلەن بىر رەڭدە بولدى، گۈل چىرايى نىلۇفەرلەر ئارىسىدا نۇرغا تولدى» يازدا نىلۇفەردىن، كۈزدە جۈخاردىن ھۇزۇرلىنىش، باغراش كۆلىنىڭ بىپايان چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نەچچە مىڭ مو يەردەياۋا ياتما نىلۇفەر بار،بۇ جاي يازدا سالقىن بولۇپ، نىلوفەر گۈلىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

ئاپتاپپەرەس ھۇزۇرلىنىدىغان جاي: ئالتاي شەھىرى شەمىرشەك بازىرى يول بويى، قىزىلتاش بازىرى يول بويى، چىڭگىل ناھىيەسى ئاقدالابازىرى؛ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى خۇاڭخۇاگۇ جىلغىسى. گۈل پەسلى:7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى گۈل ھالىتى: 7-ئايدا ئالتاينىڭ ئېتىزلىرىداساناقسىز «كىچىك قۇياش» پەيدا بولۇپ، تولغان، ساپسېرىق يۈزلىرى بىلەن قۇياشقا تەلپۈنىدۇ. مەيلى يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ مېڭىڭ، يېزا يولىداسەيلە قىلىڭ ياكى ئاپتاپپەرەسلىككە كىرىڭ، كۆز ئالدىڭىزدىكى ساپسېرىق ئاپتاپپەرەس دېڭىزىدىن، ھەيۋەتلىك مەنزىرىدىن ھەيران قالىسىز. تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە، كۆز يەتكۈسىز گۈللەر ئېچىلىدۇ. باھار باشلانغاندىن باشلاپ 10- ئايغىچە گۈلدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ، ھەر خىل گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىپ قانمايسىز.

ھازىر ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ ھوزۇرلىنىشقا تېگىشلىكى،تۇرپاندىكى ئۈرۈك چېچىكى

ھەر قايسى ساياھەت كوپراتىپلىرى تۈرلۈك خاس ساياھەت لىنىيەلىرىنى يولغا قويدى،بۇ ساندا ئۈچ ساياھەت كوپراتىپىنىڭ ساياھەت لىنىيىسى تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

ئۈرۈمچى تۆمۈر يول خەلقئارا ساياھەت كوپراتىپى

1.ئۈرۈمچى بېكىتى-تۇرپان شىمالىي ۋوگزال-نان كوچىسى-شاڭخۇ كەنتىدىكى مىڭ مولۇق ئۆرۈكزارلىق-تۇرپان مۇزېيى-ئائىلە زىيارىتى نۇقتىسى-ئۈرۈمچىگە قايتىش

2.ئۈرۈمچى بېكىتى-تۇرپان شىمالىي ۋوگزال-نان كوچىسى-شاڭخۇ كەنتىدىكى مىڭ مولۇق ئۆرۈكزارلىق-كارىز مىللى ئۆرپ-ئادەت باغچىسى(كارىز مۇزېيى)-ئائىلە زىيارىتى نۇقتىسى-ئۈرۈمچىگە قايتىش

لولەن جىنجوۋ ساياھەت كوپراتىپى

1.ئۈرۈمچى-توقسۇن ئۆرۈكزارلىقى-ئۈرۈمچىگە قايتىش

2.ئۈرۈمچى-تۇرپان يار يېزىسى ئۆرۈكزارلىقى-ئۈرۈمچىگە قايتىش.(ساياھەتچىلەر ئوقپويىزغا ئولتۇرسىمۇ، ساياھەت مىنبۇسىغا ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ)

شىنجاڭ تيېچىڭ ئىستىراھەت ساياھەت كوپراتىپى

1.ئۈرۈمچى بېكىتى-تۇرپان شىنالىيۋوگزالى-شاڭخۇ كەنتىدىكى مىڭ مولۇق ئۆرۈكزارلىق-نان كوچىسى-تۇرپان ئىكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسى ساياھەت باغچىسى-ئۈرۈمچىگە قايتىش

2.ئۈرۈمچى بېكىتى-تۇرپان شىمالى ۋوگزالى-شاڭخۇ مىڭ مولۇق ئۆرۈكزارلىق-پىچان قۇمتاغ قۇملۇق باغچىسى-ئۈرۈمچىگە قايتىش

3.ئۈرۈمچى بېكىتى-تۇرپان شىمالى ۋوگزالى-شاڭخۇ كەنتىدىكى مىڭ مولۇق ئۆرۈكزارلىق-توقسۇن غەيرى تاش ئورمانلىقى-ئۈرۈمچىگە قايتىش