سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ | شىنجاڭ چاغانتوقاي: جىمجىت دالىدا قار گۈللىرى «ئېچىلدى»

日期:2022年02月17日
来源:天山网
【字体:

ئاپتور:چېن شۇاڭشى

2-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدە قىروۋ مەنزىرىسى پەيدا بولۇپ، دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپلەردە مۇزتۇتۇپ، كۆزنى قاماشتۇرۇپ، كىشىنى خۇددى «خىيالىي دۇنيا»دا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى.

قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، قار تېيىلىش، قار تاماشاسى قىلىش، قار ئويناش شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭقىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالدى. «قەھرىتان سوغۇقتىكى دەريا بويىدا تال چىۋىقلارغا قىروۋ چۈشتى، دەرەخلەر ئاپئاق لىباس كىيىپ ھەممە يەر باھار تۈسىگە كىردى» دېگەن مىسرالاردا تەسۋىرلەنگەن قىروۋ مەنزىرىسىمۇ ئاستا-ئاستا شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان قىش پەسلىدىكىگۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: چاغانتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى