چوڭ قار ئۇچقۇنىدىكى بىر تال گۈل بەرگىگە ئايلىنىش

日期:2022年02月21日
来源:天山网
【字体:

​− ئانار بۇلۇت قاتارلىق ئالتە تاراتقۇ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

قار - مۇز بايلىقى مول، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولغان شىنجاڭ، جىلىن، خېبېي ۋە قار - مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەجرىبىسى مول بولغان گۇيجوۋ، گۇاڭجوۋ، ۋۇخەن «300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش»نىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ زىچ باغلاندى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، گۇيجوۋ گېزىتى تيەنيەن خەۋىرى، خېبېي چاڭچېڭ يېڭى تاراتقۇ گۇرۇھى، چاڭجياڭ گېزىتى، جىلىن گېزىتى سەيليەن خەۋىرى، گۇاڭجوۋ گېزىتىنىڭ «ئۆلكە ھالقىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نەزەر سېلىش» سەھىپىسى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى «چوڭ قار ئۇچقۇنى»نىڭ داۋاملىق جۇلالىنىشىغا كۈچ قوشتى.

يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «جۇڭگو قار - مۇز ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى 2022»دە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو قار - مۇز ساياھىتىدە «ئۈچ نۇقتا تىرەك بولغان، ئىككى بەلباغ قەد كۆتۈرگەن، ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن» بوشلۇق يېڭى ئەندىزىسى قايتا بەرپا قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئۈچ نۇقتا» شىنجاڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىنجاڭ قىشلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى فۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: «توزغاقسىمان قار، قۇياش نۇرى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق قار مەزگىلى شىنجاڭنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىدىكى بىرقەدەر مۇھىم رايونغا ئايلاندۇردى».

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قار تېيىلىش مەيدانىدىن جەمئىي 72سى بار بولۇپ، سان جەھەتتە خېيلۇڭجياڭ ۋە شەندۇڭدىن قالسىلا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى، تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشتىكى تەنتەربىيە مەشىق بازىسىغا ئايلاندى، بۇ ئۈچ قار تېيىلىش مەيدانى ۋە ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، شىنجاڭ بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ھەممىسى 5S دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتتى.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جىلىن ئۆلكىسى قار - مۇز مۇسابىقە مەيدانى، مەيدان - ساراي قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسپىي مەيدان ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈردى، نۆۋەتتە 54 قار تېيىلىش مەيدانى قۇردى، قار يولىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1139 گېكتار بولدى. گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىكى توققۇز شەھەر، ئوبلاست ئىچىدە بەش شەھەر، ئوبلاست ئارقا - ئارقىدىن ئون قار تېيىلىش مەيدانى (سارىيى) قۇرۇپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى. ۋۇخەندە زال ئىچى مۇز مەيدانىدىن توققۇزى، قار تېيىلىش مەيدانىدىن ئۈچى بار بولۇپ، گۇاڭگۇ، خەنياڭدا قار - مۇز تەنھەرىكەت مەيدانى قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، مۇز توپ، دالىدا قار تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەر شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ، بالىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىگە ئايلاندى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى قار تېيىلىش تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتايدا ھازىر قار - مۇز خاسلىقىغا ئىگە مەكتەپتىن 33ى، ئاپتونوم رايون بويىچە قار ئۈستى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى مەكتىپىدىن 20سى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇز ئۈستى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى مەكتىپىدىن 22سى بار. «قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون 100 مۇز ئۈستى ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپىگە نام بېرىش خىزمىتىنى تاماملىدى ھەم ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.

«شىنجاڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قار - مۇز تەنھەرىكىتى بويىچە ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار زاپىسى توپلاپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى» دېدى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ ياڭ.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار بىرلىشىپ، 30 نەچچە مەكتەپنىڭ قار تېيىلىش تەنھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، نۆۋەتتە 18 مەكتەپكە ۋىۋىسكا ئېسىش تاماملىنىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قار تېيىلىش ماھارىتى بويىچە مەكتەپ كوماندىسى قۇرۇلدى.