«ئالتايدىن بېيجىڭغىچە» ناملىق كۆرگەزمە ئەسىرى ئارقىلىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش

日期:2022年02月13日
来源:天山网
【字体:

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ساياھەتچىلەر جۇڭگو ھۈنەر - سەنئەت سارىيى، جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىدا، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى چولۇڭبات ئالشاننىڭ چور چېلىپ ئورۇنلىغان نومۇرىنى ئاڭلىماقتا. □ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ

بۇ، بىر مەيدان زامان، ماكان ھالقىغان يىغىلىش، بۇ، بىر قېتىملىق قار - مۇز مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، بۇ، بىر مەيدان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۆھبىتى.

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىنىڭ مەركىزىي رايونىغا كېلىپ، جۇڭگو ھۈنەر - سەنئەت سارىيى، جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ ئېچىلىشىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭخۇا گۆھىرى − جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ھۈنەر - سەنئەت كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ھۈنەر - سەنئەت سارىيى، جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ باشلىقى خەن زىيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «جۇڭخۇا گۆھىرى» كۆرگەزمىسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدان - سارايلىرىغا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك يارىشىپ ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەدەنىيەت پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

كۆرگەزمە سارىيىنىڭ مەركىزىي زالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باش تېما قىلىنغان بىر گۇرۇپپا «ئالتايدىن بېيجىڭغىچە» ناملىق ئەينەك يۈزلۈك داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قۇرۇلما كۆرۈنۈش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ زالنىڭ C بۆلىكىدە كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

بۇ بىر گۇرۇپپا قۇرۇلما كۆرۈنۈشنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىدىكى دۆڭدىبۇلاق ئۆڭكۈرى رەڭلىك قىيا تاش رەسىمى ۋە بېيجىڭ بېيخەي باغچىسىدىكى ئەنئەنىۋى مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن كەلگەن، ئۇنىڭدا، ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي بىلەن ھازىرقى زامان قار - مۇز تەنھەرىكىتى، قار - مۇز مەدەنىيىتى ئەپچىللىك بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىرلىكتە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ.

خەن زىيۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئىشىكتىن كىرگەنلا يېرىگە <ئالتايدىن بېيجىڭغىچە> ناملىق قۇرۇلمىلىق كۆرۈنۈشنى لايىھەلەپ ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇ، بىزنىڭ بىرىنچى كۆرگەزمە بۇيۇمىمىز، بۇ ئارقىلىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالقىش ياڭرىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

2005 - يىلى، شىنجاڭ ئالتاي شەھىرى خاندىغات موڭغۇل مىللىتى يېزىسىدىكى دۆڭدىبۇلاق ئۆڭكۈرىدە مۇكەممەل ساقلانغان بىر پارچە رەڭلىك قىيا تاش رەسىمى بايقالغان، ئۇنىڭدا يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئەجدادلار چاڭغا تاقاپ، قولىدا تاياق تۇتۇپ، قار تېيىلىپ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان مەنزىرە ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىش تارىخىغا يېڭى دەلىللەش ئاساسى قوشقان. 2015 - يىلى، قەدىمكى زاماندىكى قار تېيىلىشنى ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق 18 دۆلەتتىكى 30دىن ئارتۇق قار تېيىلىش تارىخى تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى «ئالتاي خىتابنامىسى»نى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلدى، ئالتاي «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي» دېگەن بۇ قاراش يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە خەلقئارانىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

كۆرۈنۈش قۇرۇلمىسىنىڭ سول تەرىپىگە يەنە ئالتايدىن كەلتۈرۈلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى − قەدىمىي تېرە چاڭغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى قار تېيىلىش پائالىيىتىنى قايتا نامايان قىلىدىغان تىرىك تاشقاتما ھېسابلىنىدۇ، ئۇ، قارىغاي ياغىچى ياكى تېرەك ياغىچى ۋە ئاتنىڭ پۇت تېرىسىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىلگىرى ئالتاي تاغلىق رايونىنىڭ قىش پەسلىدىكى ئاساسلىق قاتناش قورالى ئىدى. چاڭغىنىڭ ياغاچ تاختىسى بىلەن ئات تېرىسىنى چاپلاش ئۈچۈن بىر تال تاسمىغا تايىنىلىدۇ، تاسما ئات تېرىسىنىڭ گىرۋىكىدىن تېشىپ ئۆتكۈزۈلۈپ، گىرەلەشتۈرۈلۈپ باغلاش ئارقىلىق، تېرە ياغاچ تاختىغا مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، كۈچەپ تارتىپ تاڭغاندىن كېيىن چاڭغا ئاندىن پۇختا بولىدۇ.

1300 نەچچە يىل بۇرۇنقى «سۈينامە . شىۋېي تەزكىرىسى»دە: «يەر يۈزى قېلىن قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئازگالغا پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياغاچقا دەسسەپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ...» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردىكى «ياغاچ» چاڭغىغا ئوخشايدىغان سايمان بولۇپ، ئۇ يەنە دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا سايمانلاردىن پايدىلىنىپ مۇز ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ماھارەت تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان مۇز توپ تەنھەرىكىتى بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىنىڭ رايون دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرىگە ئايلىنىپ، مۇز ئۈستىدىكى ئويۇن، مۇز ئەجدىھا قولۋاق بىلەن قوشۇلۇپ بېيجىڭدىكى «شىشا ئۈچ مۇز ئويۇنى» دەپ ئاتالدى. بېيخەي، شىشاخەي، خوۋخەي قاتارلىق شەھەر ئىچىدىكى سۇ رايونلىرى بار بولغاچقا، بېيجىڭدىكى نۇرغۇن جايلار ئەنئەنىۋى مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرىگە ۋارىسلىق قىلدى ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى.

مۇخبىر مۇنۇلارغا دىققەت قىلدى: «ئالتايدىن بېيجىڭغىچە» ناملىق كۆرۈنۈش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئالتايدىكى قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ پۇتىغا چاڭغا تاقىغان، قولىدا تېيىلىش تايىقى تۇتقان يەتتە خىل ئوبرازى سولدىن ئوڭغا تەرتىپلىك ھالدا پېتىنقى ياي شەكلىدە تىزىلغانىدى. ئاستى تەرىپىدىكىسى پۇتىغا ھازىرقى زامان كانكىسى كىيگەن ئالتە قار - مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارىنىڭ چەبدەس قىياپەت تەسۋىرى ئىدى. ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق زامان، ماكاندىن ھالقىپ، بىرلىكتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە ئىدى.

خەن زىيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ كۆرۈنۈش قۇرۇلمىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق قار - مۇز تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. تەپسىلىي كۆزەتكەندە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىگە جۇڭگو ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئارزۇسى يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

زالدىكى كۆرگەزمە رايونىدا، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيى تاللاپ ئەۋەتكەن موڭغۇل مىللىتىنىڭ «چور» ۋارىسى چولۇڭبات ئالشان ئورۇنلىغان سالماق، ۋەزىنلىك ناخشا كىشىنى ھاياجانغا سالدى؛ «خۇمەي» ۋارىسى ئارشېڭ باخت ئورۇنلىغان تارىلىق ئېغىز گارمۇنى، قۇمۇز، دومبىرا مۇزىكىسى قاتارلىقلار شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار سەنئەت شەكىللىرىنى نامايان قىلىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مۇخبىر كۆرگەزمە جەريانىدا يەنە نۇرغۇن شىنجاڭ ئېلېمېنتلىرىنى بايقىدى: «يىپەك يولى جۇڭگو رەسىملىرى» بۆلىكىدە قىزىل مىڭئۆي، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى تام رەسىملىرىگە ئاساسەن سىزىلغان تەقلىدىي نادىر ئەسەرلەر مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنغان؛ «بارچە خەلق چالدى ساز» بۆلىكىدە دۇتار، تەمبۇر، راۋاب، داپ قاتارلىق چالغۇلار كۆرگەزمە قىلىنغانىدى.