ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىدا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

日期:2022年01月29日
来源:天山网
【字体:

 

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭدىكى 24-پۇقراۋى ئايرودۇرۇم — ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىدا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

ۋاڭ نىڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 16دە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ B737—800 تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق قونۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى 24-پۇقراۋى ئايرودۇرۇم — ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىدا سىناق تەرىقىدە ئۇچۇش، تەكشۈرۈپ دەلىللەشمۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانلانغان، بۇ، ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىنىڭ «قۇرۇش»تىن «ئۇچۇش»قا قاراپ ھالقىلىق بىر قەدەم ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 13تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، موتورنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سىناق تەرىقىسىدە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇشتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇچۇش تەرتىپى ۋە PBN ئۇچۇش تەرتىپى، ئەڭ تۆۋەن يۈرۈش ئۆلچىمى، يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى، ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولى، يول باشلاش ئۈسكۈنىسى، مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى، سىيرىلىش لىنىيەسى ۋە بەلگە كۆرسەتمىسى قاتارلىق تۈرلەرگە قارىتا تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى سائەتكە يېقىن سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، سىناق تەرىقىسىدە ئۇچقان ئايروپىلان خادىملىرى تەلەپ بويىچە ئايرودۇرۇمنىڭ بارلىق سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش تەرتىپىنى تاماملىدى، نەق مەيداندا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش تەرتىپى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى قاندۇرغان، ئايرودۇرۇمنىڭ تۈرلۈك پارامېتىرى ۋە كۆرسەتكۈچلىرى نورمال، ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى كەسىپ ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان.

ئارال تارىم ئايرودۇرۇمى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھىرى 12-تۇەن تەۋەسىگە، ئارال-خوتەن تاشيولى بىلەن ئارال-شايار تاشيولىنىڭ كېسىشكەن جايىغا جايلاشقان بولۇپ، ئارال شەھىرى مەركىزىگىچە بولغان ئارىلىقى تۈز سىزىق بويىچە 12 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇچۇش رايونى دەرىجىسى 4C، ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2800 مېتىر بولۇپ، C تىپلىق ئايروپىلان توختىتىش ئورنىدىن ئالتىسى تەسىس قىلىنغان، B737—800 ،A321 قاتارلىق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تىپتىكى ئايروپىلانلارنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.