قار-مۇز ساياھىتى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىگە كۈچ قوشتى

日期:2019年03月18日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى فۇنىكۇليور (缆车)غا ئولتۇرۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولىدا قار تېيىلىشقا ماڭماقتا. (2-ئاينىڭ 7-كۈنى فوتوسى).

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قار-مۇز ساياھىتىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ «تۆت پەسىل ساياھىتى» نىشانىغا قاراپ ئىلگىرلەپ، مول قىشلىق ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تەدرىجىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى. 2018-يىل قىش كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى قار-مۇز، مەدەنىيەت، مال سېتىۋېلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەر خىل قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆڭۈللۈك ئويناشقا جەلپ قىلدى. 2018-يىل 11-ئايدىن 2019-يىل 1-ئايغىچە، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 11 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 ئاشتى.

ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس كەنتىدە چانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چارۋىچىلار ساياھەتچىلەرنى چانىغا ئولتۇرغۇزۇپ قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغۇزماقتا .(1-ئاينىڭ 11-كۈنى فوتوسى)

ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازاردا كەچلىك بازارنى تاماشا قىلماقتا. (3-ئاينىڭ 3-كۈنى فوتوسى)

شىنجاڭ قۇمقاناس يېزىسىدا شۇ جايدىكى ئامما «قارلىق دالىدا قىزقۇۋار» ئويۇنىنى كۆرسەتمەكتە .(1-ئاينىڭ 1-كۈنى فوتوسى)

ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قاناس كۆلى بويىدا گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا. (1-ئاينىڭ 2-كۈنى فوتوسى).

بىر قار تېيىلىش ھەۋەسكارى ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. (2-ئاينىڭ 8-كۈنى فوتوسى)

ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئاپتوموبىللار بىلەن لىق تولدى. (2-ئاينىڭ 8-كۈنى فوتوسى)

شىنجاڭ قۇمقاناس يېزىسىدا ساياھەتچىلەر «قارغا سەكرەش» ئويۇنىنى ئوينىماقتا. (2018-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى)

شىنجاڭ ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر قار تېيىلىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلماقتا. (2018-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى)

ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ