قىزىل قاغا تۇرى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلمەكچى

日期:2021年09月09日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تور بېكىتىدە شىنجاڭدىكىدۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلمەكچى بولغان 12 مەنزىرە رايوننىڭ تىزىملىكىئېلان قىلىندى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدىكى قىزىل قاغا تۇرى بۇنىڭ ئىچىدە. نۆۋەتتە، كۇچا شەھىرىدە 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى بار.

قىزىل قاغا تۇرى كۇچا شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا، 217 دۆلەت يولىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تۇزلۇق ئېقىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 13 مېتىر كېلىدۇ. تۇر ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، نۆۋەتتە قەدىمىييىپەك يولىنىڭ شىمالىي يولىدىكى دەۋرى ئەڭ بۇرۇن، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان تۇر خارابىسى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى بىردىنبىر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى دەپ ئېلان قىلىنغان يەككە تۇر. 2001-يىلى 6- ئايدا، قىزىل قاغا تۇرى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن 5-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قىلىپ بېكىتىلدى، 2005-يىلى يىپەك يولى (شىنجاڭ بۆلىكى)دىكى چوڭ خارابىلىكلەرنى قوغداش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ پېڭ تونۇشتۇرۇپ: «كۇچانىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز نۇقتىلىق ھالدا تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى چۆرىدەپ، قىزىل قاغا تۇر مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدۇق، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. قىزىل قاغا تۇرى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن، كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ داڭقى ۋە تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن رايون ساياھىتىدە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ» دېدى.

​جۇ پېڭ مۇنداق دېدى: «<14 ـ بەش يىل> مەزگىلىدە، كۇچا شەھىرى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، <مەدەنىيەت +> ، <ساياھەت +> ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدۇ. بىز دۆلەت سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت باغچىسىدىن ئىبارەت بۇ تۈرنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، قىزىل دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى باغچىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، چېگرا ئىچىدىكى مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، ساياھەت بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەتقىقات ئوقۇتۇش ساياھىتى، كۆرگەزمە ئويۇنى ساياھىتى ۋە ھېس قىلىش ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كۈسەن مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز».