شىنجاڭدىن ئالتە جاي تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى 100 نۇقتىلىق بازار (يېزا) قاتارىغا كىردى

日期:2021年09月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى 100 نۇقتىلىق بازار (يېزا)نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نارات بازىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىئېگىنبۇلاق يېزىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شىسى 71-تۇەنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسى 185-تۇەنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى تىزىملىككە كىرگەن.