كۆكتوقاينىڭ كۈز مەنزىرىسى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل

日期:2021年08月31日
来源:天山网
【字体:

يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ، قاتمۇقات ئورمان، مانا بۇ كۆكتوقاينىڭ كۈز پەسلى، شۇنداقلا كۈزدىكى كۆكتوقاينىڭ رەڭدارلىقى.

كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، باش كۈزدىكى 8-ئايدا ياغقان بىر قېتىملىق قاتتىق يامغۇردا يازنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى جىمىقىپ، يېشىللىق ئاستا-ئاستا سۇسلاپ، ئورمان، گۈل-گىياھ، تاغ چوققىلىرى، ئوتلاق... ھەممەيېپيېڭى تۈسكە كىردى. 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، چوڭ جىلغىدىكى قاتمۇقات ئورمانئالتۇن رەڭگە كىرىپ، كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ.

ئېرتىش دەرياسىنى بويلاپ ئېقىنغا قارشى يۇقىرىغا قاراپ ماڭغاندا، قۇياش نۇرىدا سۇلاررەڭلىك كۆرۈنەتتى، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدانۇرغۇنئاجايىپ چوققا ۋە غەلىتە تاشلار بار ئىدى، ئېچىلىپ قالغان گىرانىت تاشلارنىڭ سىرتقى يۈزى ھەرە كۆنىكىسىمان شەكىللىك ئويمانلار بىلەن زىچ تولغانىدى،چوققىنىڭ ئۈستىنى ئاپئاق قار قاپلاپ تۇراتتى، چوققا ئاستىدىكى قېيىنزارلىق ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، جىلغىدىكىئېرتىش دەرياسى بۇ مەنزىرىلەر بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.

(مۇخبىر گاۋ يىمىڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى