ئاپتورلار: ۋاڭ خېڭ، ۋاڭ جيې
سەلىكتې چارۋىچىلىق مەيدانى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرىشەھەر رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 36 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تىيانشان تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان، ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن، ئېگىز تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل.
ياز پەسلىدىكى سەلىكتې چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل. بىر قەۋەت سۇس تۇمان تاغ چوققىلىرىنى قاپلاپ تۇرىدۇ، ئاپئاق كىگىز ئۆيلەر ياپيېشىل چىملىقلارنى زىننەتلەپ تۇرىدۇ، كالا-قويلار ئوتلاقتا بەخىرامان ئوتلاپ يۈرىدۇ، كەڭ كەتكەن يولچارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىچكىرىسىگىچە سوزۇلغان. بۇ جاي شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن خالىي بولۇپ،تەبىئەتنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈزەللىكى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى