قار-مۇز تەنھەرىكىتى «ساغلام ئىلى»غا كۈچ قوشتى

日期:2021年02月08日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز لەي يۈنىڭ، جاڭ چىڭخۇا خەۋىرى، فوتوسى): قىش پەسلىدىكى شىنجاڭ ئىلىنىڭ گۈزەل، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قار مەنزىرىسى كىشىنى زوقلاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شەكلى ھەر خىل قار-مۇز تەنھەرىكىتى كىشىلەرگە ساغلاملىق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلدى.

ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ قىش پەسلىدىكى كىلىماتى بىر قەدەر ئىللىق بولغاچقا، نۇرغۇن قار-مۇز تەنھەرىكىتى تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىلىدا قىش پەسلىدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان قار-مۇز تەنھەرىكەت تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، مەزمۇنى تېخىمۇ موللاشتى، قاتناشقان ئادەم سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى. قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق گۈزەل ئىلىنىڭ داڭقى چىقتى، ھەم ساغلام ئىلىنىڭ ياخشى ئوبرازى نامايان بولدى.

ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر شۇ جاينىڭ قار-مۇز بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ھەم ساياھەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شەكلى كۆپ خىل قار-مۇز تەنھەرىكىتى تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

قىش كۈنلىرى ئاپئاق قارلىق دالىدا، كىشىلەر قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە ساغلاملىقتىن تولۇق بەھرىمەن بولدى.