كۈنەس ناھىيەسى تېخىمۇ كۆپ دۆلەت 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ

日期:2021年02月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز گۇ شۆ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جيې):1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كۈنەس ناھىيەسى مەنزىرە رايونى داڭلىق ماركىسى بەرپا قىلىشتا سىجىل كۈچەپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، 2022-يىلى يەنە بىر دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋە تېخىمۇ كۆپ 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى 19 مەنزىرە رايونى دۆلەت 4Aدەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنەس ناھىيەسى نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى مەنزىرە رايونى، غۇلجا شەھىرى ليۇشىڭ كوچىسى مەنزىرە رايونى، تېكەس ناھىيەسى سەككىز قىرلىق شەھەر مەنزىرە رايونى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

كۈنەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭمېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020-يىلى، كۈنەس ناھىيەسى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى __ نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى كۆپەيتىپ بەرپا قىلدى. بۇ يىل داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى سىجىل ئېلىپ بېرىلىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەت كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، يەنە بىر دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، بىرقانچە 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىنىدۇ. «بۇ يىل بىز ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تەخمىنەن 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ دەسلەپكى شەكلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى كېلىپ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ ھەمدە بۇ يەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنىمۇ چۈشىنىدۇ» دېدى ۋاڭ يۇڭمېي.