باغراش ناھىيەسى: مەدەنىي ساياھەت قىلىشقا ياردەم بېرىشتە پىدائىيلار ھەرىكەتتە

日期:2021年02月01日
来源:天山网
【字体:

«قولىمىزغا فوتو ئاپپاراتنى ئېلىپ، يۇرتىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، پىدائىي بولۇپ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكۇ مەنزىرە رايونىدا، قىزىل جىلىتكە كىيگەن بىر پىدائىي.

يېقىندا، باغراش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى پىدائىيلارنى «پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش، مەدەنىي ساياھەت قىلىشتا سىزگە ھەمراھ» باش تېمىلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سىجىل تەشكىللەپ، ساياھەت پىدائىيسى چۈشەندۈرگۈچىلەر قوشۇنى قۇردى.

پىدائىيلار قىزىل جىلىتكە كىيىپ، ساياھەتچىلەرگە ساياھەت لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئوخشاش بولمىغان كۆزنەكلەرگە بېرىپ مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىدى ھەم ساياھەتچىلەرگە تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىپ، مەدەنىي ساياھەت قىلىش، بىخەتەر ساياھەت قىلىش قاتارلىق تەشۋىقات مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى سوغۇقتىن ساقلىنىش، مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىپ، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئەسكەرتتى. بۇ ھەرىكەت مەنزىرە رايونىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، مەدەنىي ساياھەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لۇبىن، سۈن شياۋلى)

مەنبە: باغراش ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى