سايرام كۆلىدە گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ بازىرى قىزىپ كەتتى

日期:2021年02月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈسۈپ غېنى فوتوسى): 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، سەھەردىكى تۇنجى قۇياش سايرام كۆلى ئاسمىنىنى يورۇتتى. شۇ جايدىكى بېلىقچى ۋاڭ بەيلۇڭ توكسىكلىتنى ھەيدەپ، مۇز چانا بىلەن يېڭى بىر كۈندىكى بېلىق تۇتۇشنى باشلىدى.

سايرام كۆلىدە مۇز يېرىپ بېلىق تۇتىۋاتقان بېلىقچى.

ۋاڭ بەيلۇڭ«» خېتى شەكىللىك مۇز جوتۇسىدا مۇزنى يېرىپ تور تاشلاش مەشغۇلاتىنى پۈتۈنلەي قولىدا ئېلىپ بارىدۇ. «ماي ئىشلەتسەم مۇز يۈزى بۇلغىنىپ كېتىشى مۇمكىن، بىز بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدۇق، مۇھىت ئاسرىيالىساقلا چوقۇم ئاسرايمىز» دېدى ئۇ. ھەر يىلى 11-ئايدىن ئىككىنچى يىلى 1-ئايغىچە، شۇ جايدىكى بېلىقچىلار سايرام كۆلىدىن 200 توننىدىن ئارتۇق گاۋبەيگۈي بېلىقى تۇتىدۇ، بۇ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يىل قىشتا، ئىچكىرى رايوندىكى نۇرغۇن شەھەرنىڭ گاۋبەيگۈي بېلىقىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بېلىقچىلارنىڭ كىرىمى ھەر ئايدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، مەخسۇس گاۋبەيگۈي بېلىقى پىششىقلايدىغان شىنجاڭ سايرام كۆلى بېلىقچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى دېيىلدى)نىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليون يۈەنگە يېقىن ئاشتى.

گاۋبەيگۈي بېلىقى بولسا بىر «نازۇك بولاق»

سايرام كۆلىدە بېلىق تۇتىۋاتقان بېلىقچىلار

بېلىقچىلار رېزىنكە ئاياغ، خۇرۇم ئىشتان، رېزىنكە پەلەي كىيىپ، ئاندىن سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمىنىڭ سىرتىغا قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىدۇ. تولۇق قوراللىنىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ بەيلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق سايرام كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ تېشىلگەن مۇز ئورىكىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تورنى ئاستا-ئاستا تارتىشى بىلەن، ئاپئاق گاۋبەيگۈي بېلىقلىرى مۇز ئۈستىگە سەكرەپ چىقىدۇ.

گاۋبەيگۈي بېلىقى بېلىق تورىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلىپ قالسا، ۋاڭ بەيلۇڭ تورنى كېسىۋەتسىمۇ،بېلىقلارنى ساق-سالامەت چىقىرىۋالىدۇ-دە، بېلىقلارنى ئىسسىقلىق ساقلاش ساندۇققا سېلىپ قويىدۇ. «بۇ بېلىق نازۇك، توردىن ئالغاندا، ئازراق كۈچەپ باسسىلا، بېلىق گۆشىگە قان تولۇپ قېلىپ، گۆشى يۇمران بولماي قالىدۇ» دېدى ۋاڭ بەيلۇڭ.

ھەربىر گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ گۆشىنىڭ مەززىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىسسىقلىق ساقلاش ساندۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃1~℃0قىچە كونترول قىلىدۇ. «توشۇش جەريانىدا يەنە، دەل ۋاقتىدا ئىسسىقلىق ساقلاش ساندۇقىنىڭ سۇيىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشكېرەك، بۇنداق قىلغاندا بېلىقلارنى زاۋۇتقا ئاپىرىپ مۇزلىتىپ ساقلىغاندا، ئاندىن گۆشى ئاق ۋە يۇمران بولىدۇ، نېپىز كەسكەندە بولسا سۈزۈك كۆرۈنىدۇ» دېدى ۋاڭ بەيلۇڭ.

سۈنئىي كۆپەيتىلگەن گاۋبەيگۈي بېلىقى

چۈش سائەت 02:00دە، بارلىق تورلارنىڭ ھەممىسى سۈزۈۋېلىندى، ۋاڭ بەيلۇڭ تۇتقان بېلىقلىرىنى سانىدى، ئۇ بۈگۈن 70تىن ئارتۇق گاۋبەيگۈي بېلىقى تۇتقانىدى. «ھەربىر گاۋبەيگۈيبېلىقىغا بىزنىڭ مېھرىمىز بار، ئادەتتىكى بېلىقچىلار بەلكىم پەقەت بېلىق تۇتۇشنىلا مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىز يەنە گاۋبەيگۈي بېلىقىنى تۇخۇمدىن چىقىرىش خىزمىتىگىمۇ قاتنىشمىز» دېدى ۋاڭ بەيلۇڭ.

سايرام كۆلىدىكى گاۋبەيگۈي بېلىقى

ھەر يىلى 11-ئاي، گاۋبەيگۈي بېلىقىدىن سۈنئىي تۇخۇم ئالىدىغان پەسىل، ئۇ چاغدا سايرام كۆلى تېخى مۇز تۇتمىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى بېلىقچىلار مۇھىت ئاسرايدىغان بېلىقچىلىق كېمىسىنى ھەيدەپ، كۆل يۈزىدە گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ ئۇرۇقىنى يىغىدۇ، ۋاڭ بەيلۇڭمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ گاۋبەيگۈي بېلىقىنى سۈزۈۋېلىپ، بېلىقچىلىق كېمىسىدىكى تىرىك بېلىق ئامبىرىغا سېلىپ، ئاندىن ئامبارغا كىرگەن گاۋبەيگۈي بېلىقىنى تاللاپ، تۇخۇمى يېتىلگەن گاۋبەيگۈي بېلىقىنى سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

«گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ سايرام كۆلىدىن ئىبارەت بۇ سوغۇق سۇ مۇھىتىدا تەبىئىي كۆپىيىشى ناھايىتى تەس، شۇڭا بېلىقچىلار تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلىدىكى بېلىقنى چوڭ سۇ ساندۇقىغا سۈزۈپ، ئاندىن كەسپىي تېخنىك خادىملار چىشى بېلىقنىڭ تۇخۇمى ۋە ئەركەك بېلىقنىڭ ئىسپېرمىسىنى يىغقاندىن كېيىن، مەخسۇس كۆپىيىش مەركىزىگە ئاپىرىپ تۇخۇمدىن چىقىرىدۇ» دېدى سايرام كۆلى بېلىقچىلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ جيەن.

بۇلتۇر، بېلىقچىلار ۋە تېخنىكلار 90 مىليوندىن ئارتۇق ئۇرۇقلانغان تۇخۇم يىغىپ،كۆپەيتىش ئارقىلىق، بۇ يىل 6-ئايدا، 10 مىليون گاۋبەيگۈي بېلىقى بېلىجانىنى سايرام كۆلىگە قويۇپ بەردى.

مۇز يۈزىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە 24 سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت كېتىدۇ

چۈشتىن كېيىن سائەت 03:00لەردە، ۋاڭ بەيلۇڭ گاۋبەيگۈي بېلىقىنى مۇز يۈزىدىن دەريا قىرغىقىغا يۆتكەپ، مەخسۇس يېڭى پېتى ساقلاش ئاپتوموبىلى بىلەن گاۋبەيگۈي بېلىقىنى 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى يېڭى بېلىق پىششىقلاش سېخىغا توشۇدى. «بىزنىڭ خىزمىتىمىز بېلىق تۇتۇپ، كېيىن ئۇنى پىششىقلاش زاۋۇتىغا تاپشۇرۇش، سايرام كۆلىدە بېلىق تۇتۇۋاتقىنىمىزغا ئون نەچچە يىل بولدى، ھەر يىلى چاغاننى كۆل يۈزىدە ئۆتكۈزىمىز، بۇ يىلمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېدى ئۇ.

ۋاڭ بەيلۇڭ مۇز جوتۇسىنى يۈدۈپ سايرام كۆلىدىكى مۇز يۈزىدە ماڭماقتا.

بېلىقچىلارنىڭ قولىدىن گاۋبەيگۈي بېلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، پىششىقلاش زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، يېڭى گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ قاسرىقىنى، ساقىقىنى، ئىچكى ئەزالىرىنى تازلاپ، ئاندىن بېلىق ئۇرۇقىنى ئىلغاپ چىقىپ، بىر بوتۇلكا بېلىق ئۇرۇقى قىيامى ياسايدۇ. يېڭى بېلىققا مۇز قوشۇپ يېڭى پېتى ساقلىغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش ئاپتوموبىلىغا بىلەن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا ئاپىرىپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 06:00لەر ئەتراپىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا توشۇيدۇ، مۇز يۈزىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە 24 سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت كېتىدۇ. 2020-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە، گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 8 مىليون يۈەنگە يەتتى.