تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، شياۋ يىخۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، شەرقتىن قۇياش كۆتۈرۈلۈپ، سەھەر نۇرى زېمىننى ئويغىتىپ، جىمجىت ئېقىۋاتقان كۈنەس دەرياسىنىڭ دەريا يۈزىدە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان رەڭدار مەنزىرە پەيدا بولدى.
كۈنەس دەريا ئېقىنى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدە بولۇپ، قاشتېشى لېنتىسىغا ئوخشاش كۈنەس زېمىنىنى ئوراپ تۇرىدۇ.