1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

日期:2020年12月24日
来源:虎鱼网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا چېن چۈەنگو، سارقىت ئاقان، جاۋ چىڭ، ليۇ سۇشې ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ نەزەرىيە جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەپ ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش؛ كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ئەۋزەللىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ماسلىشىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى تەلىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىيلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يېشىل بولۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئېچىۋېتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يولى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. سىياسەت ئەۋزەللىكى، رايون ئەۋزەللىكى، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئورتاق بەھرىلىنىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش تۈزۈمى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئون تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.