1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈزبېرىشىگە تۈرتكە بولدى

日期:2020年09月27日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

شىنجاڭ ياخشى جاي، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل. ئالتۇن رەڭلىك 9 - ئايدا، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر يەر - ھەر يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ تۇپراقنىڭ گۈزەللىكى، ئىناقلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، ئامما تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق بولۇشى، دىنلارنىڭ ئېجىل، رايىش بولۇشى، چېگرا رايوننىڭ مۇستەھكەم، تىنچ بولۇشى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى، تۈرلۈك ئىشلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ بىپايان تۇپراقتا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى.

يېپيېڭى كەيپىيات يول باشلىغۇچى كۈچتىن كەلگەن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى مىسلىسىز يۇقىرى، شىنجاڭنى قوللاش سالمىقى مىسلىسىز زور، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى مىسلىسىز چوڭقۇر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

يېپيېڭى كەيپىيات باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىن كەلگەن. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك بىرقاتار پۇختا تەدبىرلەر ئارقىلىق، خەلقنىڭ بەختكە، خاتىرجەملىككە بولغان ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى... بۈگۈنكى شىنجاڭدا ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا، چوڭ ۋەزىيەت مۇقىم، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ياخشى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۇدا ئۈچ يىل توققۇز ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق دېلولىرى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ شارائىتتا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇستەھكەم كۈچ.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، يولى توغرا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، شىنجاڭ چوقۇم پارلاق، شانلىق ئەتىگە ئىگە بولىدۇ.

بۈگۈنكى شىنجاڭ چوڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى، كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، بىرىكمە كۈچى يېتەرلىك بولدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش گۈزەل مەنزىرىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. مۇشۇ پەيتتە، دولقۇن يېرىپ ئېلىشىش جەريانىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان 2020 - يىلىدىن پەقەت 100 نەچچە كۈنلا ۋاقىت قالدى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغىنىمىزدا، «13 - بەش يىل» تاماملىناي دەپ قالغان، «14 - بەش يىل» باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ سەلتەنەتلىك مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنى چاقىرماقتا. بۇ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيت، شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان مۇساپىگە ئاتلىنىش. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتەلەيمىز.