1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى

日期:2020年09月11日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بىر مەيدان كىشىنى چۆچۈتىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زور جېڭى، بىر مەيدان مىسلىسىز جاپالىق تارىخىي چوڭ سىناق! ئۆتكەنكى سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ياراتتى.

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىگە يۇقىرى باھا بەردى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە تاۋلاپ چىققان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى ھەم چوڭقۇر شەرھلىدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ تەجرىبە ۋە ئىلھاملىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى، تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش خىزمەت تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا بىزنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ۋىرۇس تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، يۇقۇم يامان ئەلپازدا كەلدى. تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە تەدبىر ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە ئىشقا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى تېز سۈرئەتتە باشلاپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، غايەت زور قۇربانلىق بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مۇشۇ ئاساستا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق، دۆلىتىمىز يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىرىنچى بولۇپ ئېشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئاساسىي ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. بۇ مەيدان مىسلىسىز مۇشەققەتلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق شەرھلىدى.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگودىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ ئاڭلىق مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى. بۇ مەيدان ئېغىر يۇقۇم بىلەن بولغان ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قورقماس جاسارىتى ئارقىلىق، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى. بۇ ئۇلۇغ روھ جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدە تەبىئىي تالانت ۋە مەدەنىيەت گېنى بىلەن تومۇرداش، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزملىق روھنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ئۇ جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق شەرھلىنىشى بولۇپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى، مۇقەررەر ھالدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ بويىچە، قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش؛ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختىلاش؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغ بولالىشىدىكى تۈپ سەۋەب ھەر قانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئالدىدا ئەزەلدىن ۋاز كەچمەي، چېكىنمەي، توختاپ قالماي، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۈچۈن ئېگىلمەي - سۇنماي كۈرەش قىلغانلىقىدا. 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ جاپالىق، شانلىق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى مۇقەررەر ھالدا يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە يول بويى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ! بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمقا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتايلى!